سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا ئىراقلىق قوراللىق گۇرۇھ رەھبىرى ئۈچۈن 10 مىليون دوللار مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
ۋاشىنگتون ئامېرىكانىڭ «كەتائىب سەييىد ئەششۇھەدا» گۇرۇھىنىڭ رەھبىرى ھاشىم فىنيان رەھىم ئەسساراجى ھەققىدە ئۇچۇر توپلاشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئىراقلىق قوراللىق گۇرۇھ رەھبىرى ئۈچۈن 10 مىليون دوللار مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا ئىراقلىق قوراللىق گۇرۇھ رەھبىرى ئۈچۈن 10 مىليون دوللار مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى / Reuters

 ۋاشىنگتون «ئىران بىلەن چېتىشلىقى بار» دەپ قارالغان بۇ گۇرۇھنىڭ ئامېرىكا ۋە ئىراق نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ۋاشىنگتون تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىلگەن «ئىرانپەرەست» ئىراقلىق قوراللىق گۇرۇھ «كەتائىب سەييىد ئەششۇھەدا» نىڭ رەھبىرى ھەققىدە ئۇچۇر يەتكۈزگەنلەرگە 10 مىليون دوللارغىچە مۇكاپات بېرىشكە ۋەدە بەردى.

ئامېرىكا دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئەبۇل ئەئلا ئەلۋالائى» دەپمۇ تونۇلغان كەتائىب سەييىد ئەششۇھەدانىڭ رەھبىرى ھاشىم فىنيان رەھىم ئەسساراجى ھەققىدە ئۇچۇر ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاشىنگتون مەزكۇر گۇرۇھنىڭ «ئىراقلىق پۇقرالارنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، ئىراقتىكى ئامېرىكا دىپلوماتىك بىنالىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرى بىلەن خادىملىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى» بىلدۈردى.

بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان  باياناتتا، ئەسساراجىنىڭ نەدە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەنلەرنىڭ «ئورنىنى يۆتكەش ۋە مۇكاپات ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولالايدىغانلىقى» قەيت قىلىندى.

ئەسساراجى پارلامېنتتا كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان «ماسلاشتۇرۇش رامكىسى» ئىتتىپاقى ئىچىدە بىر ئورۇنغا ئىگە.

«ئىرانپەرەست» گۇرۇھلار ئىراقنىڭ پايتەختىدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنى، باغداد ئايرودۇرۇمىدىكى دىپلوماتىك ۋە ئەشيا ئوبوروتى ئەسلىھەلىرىنى ھەمدە چەت ئەل شىركەتلىرى باشقۇرىدىغان نېفىتلىكلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ كەلمەكتە.

ئون نەچچە يىل داۋاملاشقان توقۇنۇشلاردىن كېيىن، يېقىندا بىرئاز مۇقىملىققا ئېرىشكەن ئىراق، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ 28-فېۋرال ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشى بىلەن پارتلىغان ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى پاتقىقىغا پېتىپ قالدى.

مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا، ئۆتكەن ئايدا ئامېرىكالىق ژۇرنالىست شېللى كىتلېسوننى  تۇتقۇن قىلىپ، بىر ھەپتە تۇتۇپ تۇرغاندىن كېيىن قويۇپ بەرگەن يەنە بىر ئىراقلىق قوراللىق گۇرۇھ بولغان «كەتائىب ھىزبۇللاھ» نىڭ رەھبىرى ئۈچۈنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مۇكاپات تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئالدىنقى ھەپتە ئىراقتىكى يەتتە نەپەر «ئىرانپەرەست» خەلق ئەسكەرلىرى قوماندانىغا «ئىراقتىكى ئامېرىكا خادىملىرىغا، ئەسلىھەلىرىگە ۋە مەنپەئەتلىرىگە قاراتقان ھۇجۇملارنى پىلانلاش، باشقۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئېمبارگو يۈرگۈزدى.

خەزىنە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلغان باياناتتا: «بۈگۈنكى ھەرىكەتتە نىشانلانغان كىشىلەر ئىراقنىڭ ئەڭ زوراۋان ئىرانپەرەست خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدۇر؛ بۇلارنىڭ ئىچىدە كەتائىب ھىزبۇللاھ، كەتائىب سەييىد ئەششۇھەدا، ھەرىكەت ئەننۇجەبا ۋە ئەسائىب ئەھلى ھەق قاتارلىقلار بار» دېيىلگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنىنى تەبرىكلىدى
پاكىستان: 6 دىن كۆپ دۆلەت مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمىگە قاتنىشىشقا قىزىقماقتا
خالۇق گۆرگۈن: دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ كۈچى ياشلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىدۇر
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنى» نى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان  قىلدى
ترامپ تۈركىيەگە قارىتىلغان CAATSA ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلىشقا ئىجابىي پوزىتسىيەدە بولدى
بېلگىيەدە بومبا تەھدىتى سەۋەبىدىن 1700 ئوقۇغۇچى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گۈلەر: كاۋكاز رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيەدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئېبولا يۇقۇمىدا ئۆلگەنلەر سانى 3982 گە يەتتى
مېكسىكادا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇمدا مۇئاۋىن مۇدىر قازا قىلدى
تۈركىيە ئېفىيوپىيە ساقچىلىرىنى تور جىنايەتلىرىگە قارشى تۇرۇش بويىچە تەربىيەلىدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۈلەر ئەزەربەيجانلىق ۋە گىرۇزىيەلىك مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
قىرغىزىستان تۇنجى مىللىي سۈنئىي ھەمراھىنى ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بەردى
تېكنوفېست فېستىۋالى ئۈچىنچى كۈنى چەكسىز ھاياجان ئىلكىدە باشلاندى
ئامېرىكا سۈرىيەنى مۇداپىئە سودىسى چەكلىمىسى تىزىملىكىدىن چىقاردى
ئامېرىكادىن ياۋروپاغا جىددىي چاقىرىق: يېقىلغۇ زاپاسلىرىڭلارغا چەكلىمە قويماڭلار