خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستان ئافغانىستان چېگراسىغا يېقىن جايدا 25 تېررورچىنى ئۆلتۈردى، 5 ئەسكىرى قازا قىلدى
پاكىستان ئارمىيەسى جۈمە ۋە شەنبە كۈنلىرى مەملىكەتنىڭ غەربىي شىمال ئۆلكىسىدە تېررورچىلار بىلەن  كەڭ كۆلەملىك كۈرەش قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
پاكىستان ئافغانىستان چېگراسىغا يېقىن جايدا 25 تېررورچىنى ئۆلتۈردى، 5 ئەسكىرى قازا قىلدى
پاكىستان ئافغانىستان چېگراسىغا يېقىن جايدا 25 تېررورچىنى ئۆلتۈردى، 5 ئەسكىرى قازا قىلدى / Reuters

پاكىستان ئارمىيەسى يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، مەملىكەتنىڭ غەربىي شىمالىدىكى خەيبەر پاختۇنخۋا ئۆلكىسىدە، ئافغانىستان چېگراسىغا يېقىن بىر رايوندا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا بەش پاكىستان ئەسكىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە 25 تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، جۈمە ۋە شەنبە كۈنلىرى پاكىستان-ئافغانىستان چېگراسىغا يېقىن شىمالىي ۋەزىرىستان ۋە قۇررام رايونلىرىدا ئىككى چوڭ تېررورچى گۇرۇھ بايقالغان ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغان.

 شىمالىي ۋەزىرىستان رايونىدا تۆت ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 تېررورچى ئۆلتۈرۈلگەن، قۇررام رايونىدا بولسا چېگرادىن ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان 10 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.

 توقۇنۇش جەريانىدا بەش پاكىستان ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

 بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۆلتۈرۈلگەن تېررورچىلاردىن نۇرغۇن قورال – ياراغ، ئوق-دورا ۋە پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى