سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران: ئىسرائىلىيە يېقىندا «ياشاشقا ماس كەلمەيدىغان» جايغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن
ئىران ئارمىيەسى باياناتچىسى، يەر ئاستى پاناھگاھلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرگە بىخەتەرلىك ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىران: ئىسرائىلىيە يېقىندا «ياشاشقا ماس كەلمەيدىغان» جايغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن
/ AP

ئىران رەسىمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — ئىرنانىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رايوندىكى ئىككى رەقىب دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىران ئارمىيەسى ئىسرائىلىيەلىكلەرنى دۆلىتىدىن ئايرىلىشقا چاقىرىپ، يېقىن كەلگۈسىدە دۆلەتنىڭ «ياشاشقا ماس كەلمەيدىغان» جايغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

ئارمىيە باياناتچىسى رىزا سەيياد يەكشەنبە كۈنى ئىران ئىسرائىلىيەگە قارشى يېڭى بىر قېتىملىق ئۆچ ئېلىش ھۇجۇمىنى باشلىغاندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ: «كەلگۈسى كۈنلەر ئۈچۈن سىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش: ئىشغال قىلىنغان زېمىننى (پەلەستىن زېمىنلىرىنى) تاشلاپ كېتىڭلار، چۈنكى كەلگۈسىدە ئۇ يەر ھەرگىزمۇ ياشاشقا ماس كېلىدىغان جاي بولمايدۇ!» دېدى.
ئۇ  يەنە: «يەر ئاستىدا پاناھلىنىشنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرگە بىخەتەرلىك ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقى» نى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

سەيياد سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «شۇڭلاشقا شۇنى تەكىتلەيمىزكى: جىنايەتچى ھاكىمىيەتنىڭ سىلەرنى تىرىك قالقان قىلىپ ئىشلىتىشىگە يول قويماڭلار» دېدى.

ئىران ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنى بۇ ئىشقا ئارىلاشماسلىقنى ئېيتتى.

ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىرىدىن بىرى، شۇنداقلا ئىران مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولغان مۇھسىن رىزائى ئايرىم بايانات بېرىپ: «بىز پۈتكۈل رايوننى مۇقىمسىزلاشتۇرىدىغان چوڭ قەدەملەرنى باسىدىغان بىر نۇقتىغا كېلىپ قېلىشىمىز مۇمكىن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

رىزائى يەنە: «ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ئەقىل-پاراسەتلىك كىشىلەر دۆلەتلىرىنى بۇ ئۇرۇشتىن تېزلىكتە چىقىرىۋېلىشى كېرەك؛ ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، بىز ئۇلارنىڭ ئارىلىشىشىغا جاۋاب قايتۇرماي قاراپ تۇرالمايمىز» دېدى.

جۈمە كۈنى ئىسرائىلىيە ئىراندا ھەربىي ۋە يادرو ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن نۇقتىلارغا سەۋەبسىز ھاۋا ھۇجۇمى قىلغان ئىدى.

تېل ئەۋىۋنىڭ بۇ سەۋەبسىز ھۇجۇمى توقۇنۇشقا سەۋەب بولۇپ، ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى ئۆچ ئېلىش ھۇجۇملىرىنى قوزغىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

شۇنىڭدىن بۇيان ھۇجۇملار ۋە قارشى ھۇجۇملار داۋاملاشماقتا.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ياۋروپادىكى مائارىپ كىرىزىسى: PISA نەتىجىسى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكەن 5 ھەپتە ئىچىدە 13 كىشى «M چېچىكى» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى
گۇگۇلنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلى Gemini بىخەتەرلىك سىنىقى جەريانىدا شىركەت سىستېمىلىرىغا سىزىپ كىردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
رۇسىيە ياپونىيەدىن ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
پاكىستاندىكى بىر ساقچىخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
فىلىپپىندا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئالتە ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسكاندىناۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسرائىلىيەگە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى بىكار قىلدى
پاكىستاندا بىر جامە ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
قەھۋە پۇرىقىنىڭ كەيپىيات ۋە مېڭە دولقۇنلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى