سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
مىسىر تاراتقۇلىرى: سۆھبەتنىڭ تۇنجى باسقۇچى «ئۈمىدۋار كەيپىياتتا» ئۆتتى
مىسىر تاراتقۇلىرى ھاماس ۋە مۇرەسسەچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ تۇنجى باسقۇچىنىڭ «ئۈمىدۋار كەيپىياتتا» ئۆتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
مىسىر تاراتقۇلىرى: سۆھبەتنىڭ تۇنجى باسقۇچى «ئۈمىدۋار كەيپىياتتا» ئۆتتى
مىسىر تاراتقۇلىرى: سۆھبەتنىڭ تۇنجى باسقۇچى «ئۈمىدۋار كەيپىياتتا» ئۆتتى / AP

مىسىرنىڭ رەسمىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىسىردا ھاماس بىلەن مۇرەسسەچىلەر ئوتتۇرىسىدا غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى باسقۇچلۇق سۆھبەت «ئۈمىدۋار كەيپىياتتا» ئۆتكەن.

قاھىرە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۆھبەتلەر قىزىل دېڭىز بويىدىكى شەرمۇششەيخ ساياھەت رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يېڭى باسقۇچلۇق سۆھبەتلەر شۇ كۈنى باشلىنىدىكەن.

بىر ئىسرائىلىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىمۇ ۋاسىتىلىك سۆھبەتلەر ئۈچۈن دۈشەنبە كۈنى بۇ شەھەرگە يېتىپ كەلدى.

سۆھبەتلەر ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا ئەسىر-تۇتقۇن ئالماشتۇرۇش تەكلىپىنى مەركەز قىلغان ھالدا داۋاملىشىدۇ.

 سۆھبەت «ئۈمىدۋار كەيپىيات» تا ئۆتتى

 مىسىر مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇرەسسەچىلەر بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەر ئىجابىي كەيپىياتتا ئۆتكەن بولۇپ، ھازىرقى سۆھبەتلەر ئۈچۈن يول خەرىتىسى تۈزۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان.

ھاماس ۋەكىللىرى مۇرەسسەچىلەرگە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى بومباردىمانلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشىنىڭ ئەسىر ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشنى زور دەرىجىدە قىيىنلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

ھاماس بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى ۋاسىتىلىك سۆھبەتلەر دۈشەنبە كەچتە مىسىر، قاتار ۋە ئامېرىكانىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە باشلاندى.

سۆھبەتلەر ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلىنغان ترامپنىڭ پىلانىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن زۆرۈر شەرت-شارائىتلارنى ھازىرلاشنى نىشان قىلىدۇ.

 ترامپ: كېلىشىم  ھاسىل قىلىنىش يولىدا  «مۇھىم ئىلگىرىلەش» نىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىگە ئىشىنىمەن

 دۈشەنبە كۈنى كەچتە ئاقسارايدا سۆز قىلغان ترامپ، غەززە توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىش يولىدا «زور ئىلگىرىلەش» ھاسىل قىلىنغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«غەززە كېلىشىمى توغرىسىدا ئىشلار ناھايىتى ياخشى كېتىۋاتىدۇ، دەپ ئويلايمەن. دەرۋەقە، ھاماس ناھايىتى ياخشى مۇئامىلىدە بولدى ۋە مۇھىم ئىشلارنى قوبۇل قىلدى.»

پىلاننى «ھەممەيلەن كېلىشكەن ئاجايىپ كېلىشىم» دەپ تەسۋىرلىگەن ترامپ، بارلىق تەرەپلەرنىڭ پىلاننى تاماملاش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ترامپ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ تەكلىپكە «ئۈمىدۋار» قارىغانلىقىنى ۋە تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەنمۇ كۆرۈشكەنلىكىنى، ئەردوغاننىڭ «غەززە كېلىشىمى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى» ئېيتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - ترامپ ھاماس بىلەن «ئىنتايىن ئىجابىي سۆھبەتلەر» ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى جاكارلىدى

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە ناتو باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ھەرخىل كۆرگەزمىلەرنى ئاچتى
رۇتتې ئەردوغاننىڭ ناتو يىغىنى ئۈچۈن «ئاجايىپ قالتىس» مەيدان ھازىرلاپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى
ئەنقەرە ناتو باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن چوڭ بىر خەلقئارالىق تاراتقۇ مەركىزى تەييارلىماقتا
مىنىستىر فىدان: تۈركىيە — ياۋروپا بىخەتەرلىكىنىڭ مەركىزىي ئاكتىيورلىرىدىن بىرى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان دۇنيا رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ
فىدان: ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ ياخشى مۇناسىۋىتى ناتو ئىچىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشى مۇمكىن
كروزېتتو: ناتو باشلىقلار يىغىنى ياخشى نەتىجە بېرىدىغان شەكىلدە لايىھەلەندى
ۋېنېسۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 3 مىڭ 342 گە يەتتى
TCG  ئۇرۇچ رەئىس نىيۇ يوركتاكى ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنى پائالىيىدە تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلدى
نورۋېگىيە كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالغان بىرازىلىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى بىلەن خوشلاشتى
موسكۋا كىيېۋغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئەنقەرە پىروگراممىسى ئېنىق بولدى
ئىراندا ھامانېنىڭ دەپنە مۇراسىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە دۇئالار قىلىندى
زېلېنسكىي ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشلەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 954 كە يەتتى