سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ھاماس ئامېرىكانى ئىسرائىلىيەنىڭ قاتارغا قىلغان ھۇجۇمىنىڭ «جىنايەت شېرىكى» دەپ جاكارلىدى
پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ دوھادىكى ھۇجۇمىنىڭ غەززە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبەتلىرىگە خاتىمە بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ھاماس ئامېرىكانى ئىسرائىلىيەنىڭ قاتارغا قىلغان ھۇجۇمىنىڭ «جىنايەت شېرىكى» دەپ جاكارلىدى
/ Reuters

قاتار ھۇجۇمدا قازا قىلغانلارنى دەپنە قىلدى ھەمدە مۇرەسسەچىلىك رولىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھاماس قاتاردا ئۆتكۈزۈلگەن جىنازە مۇراسىمىدا ئامېرىكانى ئىسرائىلىيەنىڭ سۆھبەت ھەيئىتىگە قىلغان ئەجەللىك ھۇجۇمىدا «جىنايەت شېرىكى» بولۇش بىلەن ئەيىبلەپ، بۇنىڭ غەززە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبەتلىرىگە خاتىمە بېرىشكە ئۇرۇنۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھاماس ئەمەلدارى فەۋزى بەرھۇم تېلېۋىزىيەدە قىلغان سۆزىدە: «بۇ جىنايەت... پۈتكۈل سۆھبەت مۇساپىسىگە قىلىنغان بىر سۇيىقەست، شۇنداقلا قاتار ۋە مىسىردىكى ۋاسىتىچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ رولىغا قەستەن زەربە بېرىش دېمەكتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بەرھۇم ۋاشىنگتوننى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا «تولۇق جىنايەت شېرىكى» بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

سەيشەنبە كۈنى دوھادا يۈز بەرگەن بۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن ھۇجۇم پارس قولتۇقى رايونىنىڭ توقۇنۇشلاردىن خالىي ئىكەنلىكى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرنى بىتچىت قىلىپ، ئەسلىدىنلا نازۇك بولغان غەززە ئۇرۇش توختىتىش تىرىشچانلىقلىرىنى توختاپ قېلىش گىردابىغا ئېلىپ كەلدى.

قاتارنىڭ پايتەختىدە، ئەمىر شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانى قاتناشقان جىنازە نامىزى جەريانىدا شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇلۋەھھاب مەسچىتىدە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يولغا قويۇلدى.

قاتار بايرىقىغا يۆگەلگەن بىر جەسەت ۋە پەلەستىن بايرىقلىرىغا يۆگەلگەن بەش جەسەت مەسچىتكە ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن، مەسايمەر قەبرىستانلىقىدا يەرلىككە قويۇلدى.

ھاماسنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار خەلىل ئەلھەييەنىڭ ئوغلى ھامام، ئىشخانا مۇدىرى جىھاد لەباد ۋە مۇھاپىزەتچىلەر ئەھمەد مەملۇك، ئابدۇللاھ ئابدۇلۋەھھاد ۋە مۇئمىن ھەسسۇن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ھۇجۇمدا يەنە قاتارلىق مۇتەخەسسىس بەدر سەئد مۇھەممەد ئەلھۇمەيدى ئەددوسارىمۇ ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ھاماس ھۇجۇمدا ھەييەنىڭ ئايالى، كېلىنى ۋە نەۋرىلىرىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ھاماسنىڭ باش سۆھبەتچىسى جىنازە مۇراسىمىغا قاتناشمىدى؛ ئۇنىڭ تەقدىرى نامەلۇم ھالەتتە تۇرماقتا.

بۇ تەشكىلات بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەر ئۇسامە ھەمدان ۋە ئىززەت ئەررىشق قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزالارنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

قاتار باش مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇراھمان ئال سانى CNN تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، بۇ ھۇجۇمنىڭ غەززەدىكى ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىشكە ئائىت «بارلىق ئۈمىدلەرنى يوققا چىقارغانلىقىنى» بىلدۈردى ۋە دوھانىڭ ۋاسىتىچىلىك رولىغا مۇناسىۋەتلىك «ھەممە نەرسىنى» قايتىدىن باھالاۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈردى. رايون خاراكتېرلىك كوللېكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىرغان ئال سانى، دوھادا بىر ئەرەب-ئىسلام يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىسرائىلىيەنى بىۋاسىتە تىلغا ئالماي تۇرۇپ ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى ۋە قاتار بىلەن ھەمدەمدە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

ئاق ساراي پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ بۇ ھەرىكەتنى تەستىقلىمىغانلىقىنى، ئەلچىسى ستىۋ ۋىتكوفقا دوھانى ئاگاھلاندۇرۇش توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەنلىكىنى، ئەمما «ئەپسۇسكى، ھۇجۇمنى توختىتىشقا بەك كېچىكىپ قېلىنغانلىقىنى» ئىلگىرى سۈردى.

ئىسرائىلىيە نىشانىنىڭ ھاماسنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىكى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ھاماس يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ھايات قالغانلىقىنى تەكىتلەۋاتقان بىر پەيتتە، رايونلۇق تاراتقۇلار سىياسىي بيۇرونىڭ ئىككى ئەزاسىنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ پەيشەنبە كۈنى ئىشغال قىلىنغان غەربىي قىرغاقتا بىر ئولتۇراق رايون قۇرۇلۇشى مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، «پەلەستىن دۆلىتى ھەرگىز قۇرۇلمايدۇ» دېدى.

بۇ زېمىننىڭ ئۆزلىرىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان نېتانياھۇ، مۇشۇ ئايدا ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىش يولىدىكى خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلارنى رەت قىلدى.

قاتار 2012-يىلىدىن بۇيان ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ھاماسنىڭ سىياسىي ئىشخانىسىغا ساھىبخانلىق قىلىپ، بىر ۋاسىتىچىلىك مەركىزى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ھازىرچە ئامېرىكا بىلەن ھېچقانداق مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىدۇق»