سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدىن پايدىلىنىپ تەسىرىنى كۈچەيتمەكچى
تيەنجېن شەھىرىدە 20 نەچچە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى جەم بولىدۇ. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (SCO) باشلىقلار يىغىنىدىن پايدىلىنىپ رايون خەۋپسىزلىكى ۋە تەسىرىنى كۈچەيتمەكچى.
خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدىن پايدىلىنىپ  تەسىرىنى كۈچەيتمەكچى
خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدىن پايدىلىنىپ رايون خەۋپسىزلىكى ۋە تەسىرىنى كۈچەيتمەكچى. سۈرەت: ئا ف پ. / AFP

تيەنجېن شەھىرىدە 20 نەچچە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى جەم بولىدۇ. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (SCO)  باشلىقلار يىغىنىدىن پايدىلىنىپ رايون خەۋپسىزلىكى ۋە تەسىرىنى كۈچەيتمەكچى.

بېيجىڭ جۈمە كۈنى (22-ئاۋغۇست) يىغىن توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا، رۇسىيەدىن ۋلادىمىر پۇتىن، ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى، ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ۋە 20 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. بۇ سىياسىي ۋە بىخەتەرلىك يىغىنى خىتاينىڭ رايونلۇق تەسىرىنى مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلىدۇ» دېدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچىسى ليۇ بىن يىغىننىڭ تەييارلىق خىزمىتى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «يەر شارىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گۇرۇپپىنىڭ رەھبەرلىرى 8-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە تيەنجېندە ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا، ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېڭى پىلانلارنى ئېلان قىلىدۇ» دېدى.

بۇ قېتىمقى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنى 8-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ. يىغىن بېيجىڭنىڭ يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ھەربىي پاراتلىرىنىڭ بىرىنى ئۆتكۈزۈشىدىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تاشقى ۋە سودا سىياسەتلىرى، بولۇپمۇ ئىسرائىلىيە، غەززە ۋە تاموژنا بېجى مەسىلىلىرىدە، مۇھىم رايونلۇق ئاكتىيورلارنى خىتايغا يېقىنلاشتۇرماقتا.

يىغىندا تۈركىيە ۋە ۋىيېتنامغا ئوخشاش مېھمان دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىمۇ قاتناشقۇچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

مالايشىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىممۇ بۇ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئۇ ئۆكتەبىردە كۇئالا لۇمپۇردا ترامپ ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى رەھبەرلەرنى كۈتۈۋېلىشتىن بۇرۇن، بۇ يىغىنغا قاتنىشىدۇ.

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم نۇتۇق سۆزلەيدۇ، يىغىنغا يەنە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ باشلىقلىرىمۇ قاتنىشىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - New Delhi refuses to sign SCO statement after members only condemn terrorism in Balochistan

جاھانگىرلىك، كونىراپ كەتكەن تەپەككۇر ئۇسۇللىرى يەنىلا داۋاملاشماقتا

ليۇ يىغىن توغرىسىدا مۇخبىرلارغا بەرگەن قىسقىچە چۈشەندۈرۈشىدە، خىتاينىڭ بۇ باشلىقلار يىغىنى ئارقىلىق «ھەمكارلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغاش... (ھەمدە) شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇقىملىقى ۋە چىدامچانلىقى بىلەن خەلقئارا مۇھىتتىكى مۇجىمەل ۋە مۆلچەرلىگۈسىز ئامىللارغا تاقابىل تۇرۇش» نى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ ئامېرىكاغا يوشۇرۇن ئىشارە قىلىپ مۇنداق دېدى:

 «بۈگۈنكى دۇنيادا، جاھانگىرلىك ۋە كۈچكە تايىنىش سىياسىتىنىڭ كونىراپ كەتكەن تەپەككۇر ئۇسۇللىرى يەنىلا تەسىرگە ئىگە. بەزى دۆلەتلەر ئۆز مەنپەئەتىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن قويۇشقا ئۇرۇنۇپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر تەھدىت سالماقتا. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇقىملىقى ۋە چىدامچانلىقى بىلەن، بىز مۇجىمەل ۋە مۆلچەرلىگۈسىز ئامىللارنى ھەل قىلالايمىز... ھەمدە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىق مۇھىت يارىتالايمىز.»

يىغىن «تيەنجېن خىتابنامىسى» نى ئىمزالاش ۋە ئېلان قىلىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

2024-يىلى قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا، رەھبەرلەر رايونلۇق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ۋە رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە قوشۇلغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Pakistan and India defence officials to attend SCO meeting in China

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز