پاكىستاندا قوراللىق خەلق ئەسكەرلىرى قوماندانلىق ئىشتابى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
پاكىستاندا قوراللىق خەلق ئەسكەرلىرى قوماندانلىق ئىشتابىغا قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا ئۈچ ئوفىتسېر ۋە ئۈچ تېررورچى ئۆلدى.
ئادەم بومبىلار پېشاۋېردىكى قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابىغا ھۇجۇم قىلدى. ھۇجۇمدا ئۈچ ئوفىتسېر ھاياتىدىن ئايرىلدى. بىخەتەرلىك كۈچلىرى ئىككى ھۇجۇمچىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى، ئۈچىنچى ھۇجۇمچى بولسا ئۆزىنى پارتلاتتى.
ساقچى ۋە ئىزدەش – قۇتقۇزۇش دائىرىلىرى دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى بىر بىخەتەرلىكنى قوغداش باش ئىشتاب باشقارمىسىنىڭ ئادەم بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ھۇجۇمدا كەم دېگەندە ئۈچ خادىمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ھۇجۇم جەريانىدا ئۈچ ھۇجۇمچىنىڭمۇ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
تېررورلۇق ھۇجۇمى پاكىستاننىڭ ئافغانىستان بىلەن چېگراداش ئۆلكىسى خەيبەر-پەختۇنخۋانىڭ مەركىزى پېشاۋېردە يۈز بەردى.
پېشاۋېر ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مىئان سەئىد، ھۇجۇمدا دەرۋازىدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان ئۈچ بىخەتەرلىكنى قوغداش خادىمىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى ۋە تۆت كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر ھۇجۇمچىنىڭ قوراللىق ساقچى قىسىم ئىشتاب باشقارمىسىنىڭ چوڭ دەرۋازىسىدا ئۆزىنى پارتلاتقانلىقىنى، قورۇنىڭ ئىچىگە كىرىشكە مۇۋەپپەق بولغان ئىككى ھۇجۇمچىنىڭ بولسا بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
سەئىد بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى ۋە ۋەزىيەتنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تىزگىنلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.
پاكىستان پىرېزىدېنتى ئاسىف ئەلى زەردارى ۋە باش مىنىستىر شاھباز شېرىف ھۇجۇمنى ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، «قىممەتلىك ھاياتلار» نىڭ قۇتقۇزۇلۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ھەرىكىتى ئۈچۈن بىخەتەرلىك كۈچلىرىگە رەھمەت ئېيتتى.
ھەر ئىككى رەھبەر ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا، بۇ «قورقۇنچاقلارچە ھۇجۇملار» غا قارىماي، دۆلەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى.
تېخىچە ھېچقانداق تەشكىلات ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.
تېررورلۇق ھۇجۇملىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىۋاتقان بۇ دۆلەتتە، بۇرۇنمۇ ئوخشاش ھۇجۇملار بىلەن ئەيىبلەنگەن تەھرىكى تالىبان پاكىستان تەشكىلاتى بۇ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارى دەپ قارالماقتا.
ھۇجۇملار ئىسلامئاباد بىلەن ئافغانىستاندىكى تالىبان ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە جىددىيچىلىك كەلتۈرۈپ چىقاردى. پاكىستان 2021-يىلى تالىبان قايتا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان تەھرىكى تالىبان پاكىستان تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستان ئىچىدە ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە، كابۇل بولسا بۇنى رەت قىلماقتا.