خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا باش تەپتىشى: ئىران ئۇرۇشى «ئىستراتېگىيەلىك» ئوق-دورا كەمچىللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى
ئىرانغا قارشى نەچچە ئايدىن بۇيان داۋاملاشقان ئۇرۇش قورال ئىشلەپچىقىرىشتىكى توسالغۇلارنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىستراتېگىيەلىك زاپاس كەمچىللىكىگە دۇچ كەلدى.
ئامېرىكا باش تەپتىشى: ئىران ئۇرۇشى «ئىستراتېگىيەلىك» ئوق-دورا كەمچىللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى
پېنتاگون نازارەتچىسى ئىران ئۇرۇشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئوق-دورا كەمچىللىكىدىن ئاگاھلاندۇردى. / AP

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باش تەپتىشى ئىرانغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان زور چىقىملىق ھەربىي ھەرىكەتنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسىدە، ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا زاپىسىدا ئىستراتېگىيەلىك كەمچىللىك كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باش تەپتىش دۆلەت مەجلىسىگە سۇنۇلغان، بۇ تۈردىكى تۇنجى دوكلاتتا 28-فېۋرالدىن 30-ئىيۇنغىچە ئېلىپ بېرىلغان «ئېپىك فۇرى ھەرىكىتى»نىڭ (OEF) تەخمىنەن 33 مىليارد 400 مىليون دوللارغا توختىغانلىقىنى، بۇنىڭ 22 مىليارد 300 مىليون دوللارلىق قىسمىنىڭ پەقەت ئىشلىتىلگەن ئوق-دورىلاردىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا: «‹ئېپىك فۇرى ھەرىكىتى› دائىرىسىدىكى ئوق-دورا چىقىمى ئىستراتېگىيەلىك زاپاس كەمچىللىكىنى پەيدا قىلدى ۋە ئوق-دورا تولۇقلاش جەھەتتە سانائەت ئۇل ئەسلىھەسىدىكى توسالغۇلارنى ئاشكارىلىدى» دېيىلدى.

باش تەپتىش ھەرىكەت جەريانىدا ئامېرىكا ھاۋا فلوتى ئۇچرىغان مۇھىم ئۈسكۈنە زىيانلىرىنىمۇ بايان قىلدى. بۇنىڭغا ئاساسەن، تۆت F-15 ئۇرۇش ئايروپىلانى يوقىتىلغان، بىر F-35 يوشۇرۇن ئۇرۇش ئايروپىلانى زىيانغا ئۇچرىغان، يەتتە KC-135 ھاۋادا يېقىلغۇ تولۇقلاش ئايروپىلانى بۇزۇلغان ۋە تەخمىنەن 30 دانە MQ-9 Reaper تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن.

ھاۋا فلوتىنىڭ زىيانلىرى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ ئازىيىۋاتقان قورال زاپىسىغا دائىر ئەندىشىلەرگە ئەھمىيەت بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تىرامپ دۈشەنبە كۈنى Truth Social سۇپىسىدا ئېلان قىلغان يازمىسىدا، ئامېرىكا زاۋۇتلىرىنىڭ «تارىخىدىكى ھەر قانداق دەۋردىكىدىنمۇ كۆپ، سۈپەتلىك ۋە ئالاھىدە قورال» ئىشلەپچىقىرىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە ئۇزۇن مۇساپىلىك، يۇقىرى ئېنىقلىقتا يېتەكلىنىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ۋە ھاۋا مۇداپىئە توسقۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ئىرانغا قارشى ھەربىي پىلانلاشنى چەكلەپ قويغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ يۇقىرى بوشلۇقتىكى رايون مۇداپىئە سىستېمىسى (THAAD) باشقۇرۇلىدىغان بومبا توسقۇچلىرى زاپىسىنىڭ تەخمىنەن %80 ىنى ئىشلىتىپ بولغانلىقىمۇ قەيت قىلىندى.

توقۇنۇشنىڭ دەسلەپكى 24 سائىتىدە ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى 1000 دىن ئارتۇق نىشانغا ھۇجۇم قىلدى. بۇ ئارمىيە كېيىنكى ئايلاردا قايتا تەكرارلىيالمىغان كۆلەمدىكى بومباردىمان بولدى.

باش تەپتىش يەنە ئىراننىڭ ھۇجۇملىرى كۇۋەيت، بەھرەين، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىراق، ئومان ۋە ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا ئەسلىھەلىرىنىڭ يۈزلىگەن نۇقتىسىنى بۇزغان ياكى ۋەيران قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

دائىرىلەر بۇزۇلغان ئەسلىھەلەرنىڭ قايتا قۇرۇلۇپ-قۇرۇلمايدىغانلىقى ۋە بۇ خىزمەتلەرنىڭ چىقىمىنى كىمنىڭ ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى باھالاۋاتقان بولغاچقا، قايتا قۇرۇش خىراجىتى ئاساسىي خامچوت تۈرىگە كىرگۈزۈلمىدى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى