خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
مالى مۇداپىئە مىنىستىرى ئەلقائىدە بىلەن ئالاقىسى بار تەشكىلاتنىڭ ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سادىئو كامارا، ئەلقائىدەگە چېتىشلىق جنىم JNIM ۋە تۇئارېگلار يېتەكچىلىكىدىكى بۆلگۈنچىلەر يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بارغان ئەڭ چوڭ ھۇجۇملارنىڭ بىرىدە، مۇھىم بىر ھەربىي بازىغا قىلىنغان ھۇجۇم جەريانىدا قازا قىلغان.
مالى مۇداپىئە مىنىستىرى ئەلقائىدە بىلەن ئالاقىسى بار تەشكىلاتنىڭ ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى
مالى مۇداپىئە مىنىستىرى ئەلقائىدە بىلەن ئالاقىسى بار تەشكىلاتنىڭ ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى / AFP

فىرانسىيە رادىئوسى (RFI) يەكشەنبە كۈنى، مالى مۇداپىئە مىنىستىرى سادىئو كامارانىڭ شەنبە كۈنى باماكو ئەتراپىدىكى كاتى ھەربىي بازىسىدىكى تۇرالغۇسىدا، ئەلقائىدەگە چېتىشلىق تېررورلۇق تەشكىلاتى جنىم JNIM تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باياناتچىسى X تىكى يازمىسىدا: «مالى مىقياسىدىكى نۇرغۇن نۇقتىلاردا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملار ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن باش كاتىپ ئەندىشە قىلماقتا. بۇ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ئەلقائىدەگە چېتىشلىق تېررورلۇق تەشكىلاتى جنىم JNIM ۋە تۇئارېگلار يېتەكچىلىكىدىكى بۆلگۈنچىلەر، مالىنىڭ پايتەختى باماكو ئەتراپى بىلەن بىرگە ئالتۇن چىقىدىغان رايونلاردا ۋە دۆلەتنىڭ باشقا قىسىملىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ماس قەدەملىك ھۇجۇملارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالدى. بۇ ھۇجۇملار ھۆكۈمەتكە قارشى داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملار ئىچىدە بۈگۈنگە قەدەر ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ جۈرئەتلىك مەشغۇلاتلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە خاتىرىگە ئېلىندى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Guterres condemns Mali terror attacks, calls for global response

تۇئارېگلار يېتەكچىلىكىدىكى بۆلگۈنچىلەر، رۇسىيە كۈچلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان شىمالدىكى كىدال (Kidal) شەھىرىدىن چېكىنىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن بىر كېلىشىمنى جاكارلىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىر شاھىتقا مەنبە كۆرتسەتكەن خەۋىرىگە قارىغاندا، JNIM ۋە تۇئارېگلار يېتەكچىلىكىدىكى بۆلگۈنچىلەر يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ماس قەدەملىك ھۇجۇملارنىڭ بىرىنى ئېلىپ بارغاندىن بىر كۈن كېيىن، يەكشەنبە كۈنىمۇ ھۇجۇملار داۋاملاشقان ۋە مالىنىڭ پايتەختى ئەتراپىدىكى بىر ھەربىي قىسىم تۇرۇشلۇق شەھەردە ئوق ئاۋازلىرى ئاڭلانغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى شەنبە كۈنىدىكى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملاردىن كېيىن، غەربىي ئافرىقىدىكى ساھىل رايونىدا كۈنسېرى ئېشىۋاتقان زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇققا قارشى خەلقئارالىق ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Mali army battles 'terrorist groups' amid blasts and gunfire

كىدالدا ياشايدىغان بىر كىشى AFP غا: «بىر ھەربىي كارۋاننىڭ ئايرىلغانلىقىنى كۆردۇق، ئەمما نېمە ئىشلار بولغانلىقىنىڭ تەپسىلاتىنى بىلمەيمىز... قوراللىقلار ئەمدى كوچىلارنى ئىگىلىدى» دېدى.

ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ ئاخىرقى سانى يەكشەنبە كۈنىمۇ يەنىلا ئېنىقلىنالمىدى.

تۇئارېگلار يېتەكچىلىكىدىكى بۆلگۈنچىلەرنىڭ ھۇجۇمدا ھۆكۈمەت كۈچلىرىدىن تارتىۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن تالاش-تارتىشتىكى كىدال شەھىرىنىڭ تەقدىرىمۇ نامەلۇم ھالدا تۇرماقتا.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ