خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
خىتايدا تۇغۇت نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
خىتايدا تۇغۇت نىسبىتى 1949-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى.
خىتايدا تۇغۇت نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
خىتايدا تۇغۇت نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى / Reuters

ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتايدا ئۆتكەن يىلى ھەر 1000 كىشىگە توغرا كېلىدىغان تۇغۇت نىسبىتى % 5.6 گە چۈشۈپ قالغان، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ سانى بولسا 7 مىليون 900 مىڭغا تۆۋەنلىگەن.

1949-يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، دۆلەتتە تۇغۇت نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى.

بىلۇمبېرگ (Bloomberg) نىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان رەسمىي مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى تۇغۇت نىسبىتى مىڭدا % 5.6 گە چۈشۈپ قالغان ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئومۇمىي سانى 7 مىليون 900 مىڭغا تۆۋەنلىگەن؛ بۇ 1 مىليون 600 مىڭلىق زور تۆۋەنلەش بولۇپ، 2020-يىلىدىن بۇيانقى ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە تۆۋەنلەش ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ تۆۋەنلەش خىتاينىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنى 3 مىليون 400 مىڭ كىشى ئازايتىپ، ئۇدا تۆت يىللىق نوپۇس كېمىيىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

بۇ مەلۇماتلار دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «تۇغۇتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان» بىر جەمئىيەت بەرپا قىلىش تىرىشچانلىقلىرىغا زەربە بولدى؛ شۇنداق بولسىمۇ، دائىرىلەر نەق پۇل ياردىمى، ئۇزارتىلغان تۇغۇت رۇخسىتى ۋە باشقا رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

خىتايدا 2024-يىلى توي قىلغانلار سانى 1980-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن يىل بولدى. 2024 - يىلى جەمئىي 6 مىليون 100 مىڭ جۈپ توي قىلغان بولۇپ، بۇ 2023-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا توي قىلغانلار سانى %20.5 ئازىيىپ كەتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئاجرىشىش نىسبىتى %1.1 ئاشقان.

تۇغۇت نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار سانىنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ زورىيىپ كەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، ياش ئەۋلادلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىملار سەۋەبىدىن توي قىلىش ۋە ئاتا-ئانا بولۇشنى كېچىكتۈرۈشىمۇ بۇنىڭدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.

بېيجىڭ توي قىلىش ۋە تۇغۇت نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىگە قارشى تۈرلۈك سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇلارنىڭ تېخى كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى كۆرۈلمىدى.

خىتاينىڭ نوپۇسى 2024-يىلى 1 مىليارد 400 مىليون بولۇپ، بۇ 2021-يىلىدىن بۇيانقى ئۈچىنچى قېتىملىق ئۇدا يىللىق نوپۇس كېمىيىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.

خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى

يەنە بىر تەرەپتىن، رەسمىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ئىقتىسادى 2025-يىلى %5 ئېشىپ، ھۆكۈمەتنىڭ يىللىق ئېشىش نىشانىغا يەتكەن.

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، دۆلەتنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GSYH) 140 تىرىليون يۈەن (تەخمىنەن 20 تىرىليون دوللار) غا يېتىپ، رېكورت ياراتقان.

دۇنيانىڭ ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىسى بولغان خىتاي، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ئاجىزلىقى، پۇل قىممىتىنىڭ تۆۋەنلەشكە يۈزلىنىشى، ئۆي-مۈلۈك ساھەسىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان بىر ئىزدا توختاپ قېلىش ۋە ئامېرىكانىڭ تاموژنا بېجى سىياسەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تاشقى ئېنىقسىزلىقلارغا ئوخشاش بېسىملارغا قارىماي، ھۆكۈمەتنىڭ تەخمىنەن %5 لىك نىشانى بىلەن ماس قەدەملىك ئېشىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەتە كانادادا زىيارەتتە بولىدۇ
ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان تۈركىيەگە تەۋە 11 پاراخوت ھورمۇز بوغۇزىدىن بىخەتەر ئۆتتى
ئانتاليادا ساياھەتچىلىك جانلىنىپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىراق باش مىنىستىرى ئەلى زەيدى بىلەن كۆرۈشتى
پولشا پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
ترامپ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ستارمېرنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى
قاتاردا بىر زاۋۇتتا يۈز بەرگەن غايەت زور پارتلاشتا ئونلىغان كىشى يارىلاندى ۋە يوقاپ كەتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەربىي قىرغاقتا ئىككى پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
خىتاي ئامېرىكانىڭ قارا تىزىملىكىگە قايتۇرما زەربە بېرىپ، ئامېرىكانىڭ 10 ئورگىنىغا  چەكلىمە قويدى
ئاۋسترالىيە كانادا بىلەن 1.8 مىليارد دوللارلىق كۆزىتىش رادارى سېتىپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئىران-ئامېرىكا سۆھبەتلىرىدە نېمە قارارلار قىلىندى؟
رۇسىيە: 60 قا يېقىن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
فىلىپپىندىكى مەكتەپ ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، بىرنەچچە كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى سۆھبىتى تاماملاندى
ئىران: لىۋان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى