ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىگە ھۇجۇم قوزغىدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى جۈمە كۈنى سۈرىيەنىڭ ھەلەب ۋىلايىتىنىڭ سەفىرە ناھىيەسىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قوزغىدى. ھۇجۇم نىشانى مۇھىم ھەربىي ئورۇنلار بولۇپ، ئۆلگەنلەر ۋە يارىلانغانلارنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

Lübnan'ın güneyinden İsrail'in kuzeyine atılan roketler İsrail hava savunma sistemi tarafından imha edildi

سۈرىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ھاۋا مۇداپىئە بازىسى ۋە 404-نومۇرلۇق ھەربىي ئوق-دورا ئىسكىلاتىغا ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇم جەريانىدا، ئىسرائىلىيە رايونغا ھاۋادىن ئەسكەر چۈشۈرۈپ، رايوندىكى قوراللىق كۈچلەر بىلەن توقۇنۇشقان.

ھۇجۇمغا ئۇچرىغان سەفىرە ناھىيەسىگە سابىق پىرېزىدېنت بەششار ئەسەد تۈزۈمىنىڭ مۇھىم ھەربىي بازىلىرى جايلاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇداپىئە سانائىتى ئورۇنلىرى ۋە بىر ھەربىي تەتقىقات مەركىزى بار ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، بەششار ئەسەد ھاكىميىتىدىن قالغان ھەربىي ئۇل ئەسلىھەلەرنى ۋەيران قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، گولان ئېگىزلىكلىرىدىكى تامپون رايوندىكى ئىشغالىيىتىنىڭ دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، پايتەخت دەمەشىققە 25 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغىچە ئىلگىرىلەپ بارغان.

گولان ئېگىزلىكلىرى 1967-يىلدىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا تۇرماقتا. ئىككى دۆلەت 1974-يىلى بۇ رايوننى قورالسىزلاندۇرۇپ، تەڭپۇڭ رايون قۇرۇش توغرىسىدا كېلىشكەن بولسىمۇ، يېقىنقى ۋاقىتلاردىكى جىددىيچىلىك بۇ كېلىشىمنىڭ ئىناۋىتىگە خەۋپ ئېلىپ كەلمەكتە.

2024-يىلى 27-نويابىردا سۈرىيەدە باشلانغان قوراللىق توقۇنۇشلار 7-دېكابىرغىچە داۋاملىشىپ، ئۆكتىچى كۈچلەر پايتەخت دەمەشىققە كىرگەن. خەلقنىڭ كەڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بۇ قوزغىلاڭ نەتىجىسىدە، 61 يىل ھۆكۈم سۈرگەن بەئس پارتىيەسى ھاكىمىيىتى 8-دېكابىر كۈنى ئاغدۇرۇلۇپ، بەششار ئەسەد پايتەختتىن قېچىپ كەتكەن، شۇنىڭغا ئەگىشىپلا ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتكەنىدى.