«ياۋروپانىڭ ئەڭ چوڭ مۇداپىئە سانائىتى ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ بىرىگە ئىگە.»
ناتو باش كاتىپى مارك رۇتتې، ياۋروپانىڭ ئەڭ چوڭ ئارمىيەلىرىدىن ۋە مۇداپىئە سانائىتى ئۇل ئەسلىھەلىرىدىن بىرىگە ئىگە بولغان تۈركىيەنىڭ ئىتتىپاق ئۈچۈن ھالقىلىق بىر ئىتتىپاقداش ئىكەنلىكىنى ھەمدە باشقا 31 ئىتتىپاقداش تەرىپىدىن يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
مارك رۇتتې، ئىرېلاندىيەنىڭ پايتەختى دۇبلىندا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا سىياسىي جەمئىيىتى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە ئاخبارات خادىملىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
ئوتتۇرا شەرقتىكى ۋەزىيەت ۋە جىددىيچىلىكلەر دائىرىسىدە تۈركىيەنىڭ ناتو ئىچىدىكى رولىغا ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بەرگەن رۇتتې مۇنداق دېدى: «تۈركىيە روشەن ھالدا ناتونىڭ ھالقىلىق ئىتتىپاقداشلىرىدىن بىرىدۇر. ئۇ دەسلەپتىن تارتىپلا دېگۈدەك ئىتتىپاقنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ كۈلدى. ياۋروپانىڭ ئەڭ چوڭ ئارمىيەلىرىنىڭ بىرىگە ئىگە. ياۋروپانىڭ ئەڭ چوڭ مۇداپىئە سانائىتى ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ بىرىگە ئىگە. شۇڭا تۈركىيە ھەر جەھەتتىن ھالقىلىق بىر ئىتتىپاقداش بولۇپ، قالغان 31 ئىتتىپاقداش دۆلەتنىڭ يۇقىرى ھۆرمىتىگە ئېرىشمەكتە.»
رۇتتې، ئۇكرائىناغا تەمىنلىنىشى مۇمكىن بولغان بىخەتەرلىك كاپالەتلىرىدە ناتونىڭ ئوينايدىغان رولىغا ئالاقىدار سوئالغا قارىتا، ياۋروپالىقلار بىلەن ئامېرىكانىڭ يانۋار ئېيىدا پارىژدا چاقىرىلغان ۋە «ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەن» يىغىندا، مەزكۇر كاپالەتلەرنىڭ قانداق شەكىللەندۈرۈلىدىغانلىقى مەسىلىسىدە ئورتاق خۇلاسىگە كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
تۈركىيە ۋە باشقا ھالقىلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشلاردا رول ئالىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەنلىكىنى تىلغا ئالغان رۇتتې: «بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن تاماملىنىپ بولدى. لېكىن ئەمدى بىزگە ئەلۋەتتە بىر تىنچلىق كېلىشىمى ياكى كەم دېگەندە بىر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى كېرەك. ھەممەيلەننىڭ غەلىبىگە ئېرىشىش ئۈچۈن مۇشۇنچىلىك قىزغىن كۈرەش قىلىۋاتقان مەقسىتىمۇ دەل مۇشۇدۇر» دېدى.



















