تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە، گىرېتسىيەنىڭ دېڭىز باغچىلىرىغا جاۋابەن، قوغدىلىدىغان دېڭىز رايونلىرىنى كېڭەيتمەكتە
گىرېتسىيەنىڭ ئىئون ۋە ئەگە دېڭىزىدىكى ئىككى رايوننى «دېڭىز باغچىسى» دەپ ئېلان قىلىشىدىن كېيىن، تۈركىيە دېڭىز-ئوكيان رايونلىرىدىكى بىر تەرەپلىمە ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇش مەيدانىنى كۈچەيتمەكتە.
تۈركىيە، گىرېتسىيەنىڭ دېڭىز باغچىلىرىغا جاۋابەن، قوغدىلىدىغان دېڭىز رايونلىرىنى كېڭەيتمەكتە
تۈركىيە، گىرېتسىيەنىڭ دېڭىز باغچىلىرىغا جاۋابەن، قوغدىلىدىغان دېڭىز رايونلىرىنى كېڭەيتمەكتە / Reuters

تۈركىيە، گىرېتسىيەنىڭ ئىئون ۋە ئەگە دېڭىزىدا ئىككى يېڭى دېڭىز باغچىسى ئېلان قىلغانلىقىغا جاۋابەن، ئۆزىنىڭ قوغدىلىدىغان دېڭىز رايونلىرىنى كېڭەيتتى.

تۈركىيە شىمالىي ئەگە دېڭىزىدىكى گۆكچەئادا دېڭىز تەۋەلىكى ۋە ئاقدېڭىزدىكى فېنىكە دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىككى قوغدىلىدىغان دېڭىز رايونىنى رەسمىي ئېلان قىلدى.

بۇ رايونلار UNESCO قارمىقىدىكى ھۆكۈمەتلەر ئارا ئوكيانشۇناسلىق كومىتېتى (IOC) غا تىزىملانغان بولۇپ، تۈركىيەنىڭ دۆلەتلىك دېڭىز-بوشلۇق پىلانى خەرىتىسىگە كىرگۈزۈلدى.

تۈركىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭىدىن بېكىتىلگەن بۇ رايونلار دېڭىز-ئوكيان مۇھىتىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بېلىقچىلىق ۋە ساياھەتچىلىككە ئوخشاش ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنىڭ داۋاملىشىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدىكەن.

بۇ ئېلانلار تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن ھەمكارلىشىشى ۋە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى دېڭىز قانۇنى دۆلەتلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ماسلاشتۇرۇلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيە دېڭىز پائالىيەتلىرىنىڭ مۇھىتقا بولغان تەسىرىنى باھالاش ۋە ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشىشنى ياخشىلاش مەقسىتىدە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ نازارىتى ئاستىدا دېڭىز-بوشلۇق پىلانى ماسلاشتۇرۇش كومىتېتىنى قۇردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Türkiye rejects Greece’s unilateral marine parks, calls for joint Aegean cooperation

تۈركىيە ئىلگىرى گىرېتسىيەنىڭ ئىئون ۋە ئەگە دېڭىزىدا ئىككى يېڭى دېڭىز باغچىسى ئېلان قىلغانلىقىغا قارشى تۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ قەدەمنىڭ ئەگە دېڭىزىدىكى تالاش-تارتىشلىق رايونلاردا ئۆزىنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

گەرچە دېڭىز باغچىلىرى ئادەتتە دېڭىز ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ئۈچۈن قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەنقەرە بۇ قارارنىڭ ئەگە دېڭىزىدىكى بەزى جۇغراپىيەلىك شەكىللەر، بولۇپمۇ خەلقئارالىق كېلىشىملەر بىلەن گىرېتسىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلمىگەن كىچىك ئاراللار ۋە خادا تاشلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2025 - يىلى 21-ئىيۇل ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ خىلدىكى بىر تەرەپلىمە قەدەملەرنىڭ رايوندا «ئەمەلىيەتكە ئايلانغان ۋەزىيەت» يارىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىپادىلىدى. مىنىستىرلىق ئىلگىرى 2024-يىلى 9-ئاپرېلدىكى باياناتىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ئەنقەرە بۇ خىل ھەرىكەتلەرنىڭ قانۇنىي كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى ۋە تۈركىيەنىڭ ئەگە دېڭىزىدىكى قانۇنلۇق ھەق - ھوقۇق ۋە مەنپەئەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

ئەنقەرە ئۆز ھەرىكەتلىرىنىڭ خەلقئارالىق دېڭىز قانۇنىغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئەگە دېڭىزىغا ئوخشاش يېرىم يېپىق دېڭىزلارنى باشقۇرۇشتا رايونلۇق ھەمكارلىق ئورنىتىش چاقىرىقى ئېلان قىلدى.

تۈركىيە يەنە گىرېتسىيەنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە باش مىنىستىر كىرىياكوس مىچوتاكىس تەرىپىدىن 2023-يىلى 7-دېكابىر ئىمزالانغان «دوستانە مۇناسىۋەت ۋە ياخشى قوشنىدارچىلىق ئاتىنا خىتابنامىسى» رامكىسى ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Türkiye slams Greece’s maritime plan, vows to protect rights in Aegean and Eastern Mediterranean

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز