خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
رىياد ئىراننىڭ نېفىتلىككە قاراتقان يېڭى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىنى توسۇپ قالدى
سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە بىرلەشمە ئەرەب ئەمىرلىكلىرى ئىراننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۇل ئەسلىھەلەرگە قاراتقان ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، پارىس قولتۇق دۆلەتلىرى يەنىلا يۇقىرى دەرىجىلىك ھوشيارلىق ھالىتىدە تۇرماقتا.
رىياد ئىراننىڭ نېفىتلىككە قاراتقان يېڭى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىنى توسۇپ قالدى
رىياد ئىراننىڭ نېفىتلىككە قاراتقان يېڭى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىنى توسۇپ قالدى / Reuters
2026-يىلى3-ئاينىڭ11-كۈنى

سەئۇدى ئەرەبىستان چارشەنبە كۈنى، ئىران قولتۇقتىكى قوشنىلىرىغا ۋە ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قايتىدىن ئوق چىقارغان بىر مەزگىلدە، ئىستراتېگىيەلىك بىر نېفىتلىككە قاراپ كېلىۋاتقان يەتتە دانە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندىن تەركىب تاپقان ھۇجۇم دولقۇنىنىڭ توسۇپ قېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مۇداپىئە مىنىستىرلىقى X سۇپىسىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا: «شەيبە نېفىتلىكىگە قاراپ كلىۋاتقان ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ توسۇپ قېلىنغانلىقىنى ۋە ۋەيران قىلىنغانلىقىنى» بىلدۈردى. مىنىستىرلىق ئايرىم ئۇچۇرلاردا يەنە بەش دانە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭمۇ توسۇپ قېلىپ يوقىتىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

شەيبە نېفىتلىكى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كەڭ كۆلەملىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىشى جەھەتتىن ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بىرلەشمە ئەرەب ئەمىرلىكلىرى چېگراسىغا يېقىن بىر ئورۇنغا جايلاشقان ۋە بازار قىممىتى جەھەتتىن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ شىركەتلەرنىڭ بىرى بولغان «سەئۇدى ئارامكو» (Saudi Aramco) تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ.

پادىشاھلىق يەنە، دۆلەتنىڭ شەرق رايونىنى ۋە 1-مارت كۈنى بىر ئامېرىكا ئەسكىرى ئوق تېگىپ يارىلىنىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن ۋاپات بولغان شاھزادە سۇلتان ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى نىشانلىغان ئايرىم-ئايرىم ھۇجۇملاردا يەتتە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ توسۇپ قېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بىرلەشمە ئەرەب ئەمىرلىكلىرى چارشەنبە كۈنى ئىران مەنبەلىك يېڭى بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى مەلۇم قىلىنغانلىقىنى يەتكۈزدى. مۇداپىئە مىنىستىرلىقى نىشان ياكى ھۇجۇم قىلىنغان ئورۇن ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمەي، ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ سانى ئېنىق بولمىغان بىر قىسىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانغا تاقابىل تۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - UAE’s crackdown on Iran's shadow network: A blow to Tehran's lifeline?

ئىران ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا بازىلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى باشلىدى

ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلىرى (IRGC) سەيشەنبە كۈنى تېل ئاۋىۋنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسرائىلىيە شەھەرلىرىگە ۋە رايوندىكى ئامېرىكا نىشانلىرىغا يېڭى بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى دولقۇنى باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئىران قوراللىق كۈچلىرى كېيىنرەك، ئىران تاراتقۇلىرى چارشەنبە كۈنى سەھەردە خەۋەر قىلغىنىدەك، بەھرەيندىكى ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كۇرد رايونىغا جايلاشقان ئامېرىكا بازىلىرىنى نىشانلىغانلىقىنى يەتكۈزدى.

تاسنىم ئاگېنتلىقى نەقىل كەلتۈرگەن بىر باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئىنقىلابىي مۇھاىزەتچىلەت قىسمى، بەھرەيندىكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى 5-فلوت بازىسىغا ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئۈچ باشقا ئەسلىھەگە «تۈركۈلەپ» باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ئېتىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمەلدارلارنىڭ ئېيتىشىچە، بەھرەين ئىرانغا تەۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان. بۇ ھۇجۇملار ھازىرغىچە دۆلەتتە ئىككى كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

فارس (Fars) ۋە مېھر (Mehr) خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىغا ئاساسلانغاندا، IRGC كېيىنرەك ئاز دېگەندە ئىككى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ كۇۋەيتتىكى بىر ئامېرىكا بازىسىنى نىشانلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەرلەردە كۇۋەيت شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئارىفجان لاگېرى تىلغا ئېلىنىپ: «ئارىفجاندىكى ئامېرىكا بازىسى IRGC قۇرۇقلۇق قوشۇنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسمى تەرىپىدىن ئېتىلغان 2 بومبا بىلەن زەربىگە ئۇچرىدى» دېيىلدى. كۇۋەيت دائىرىلىرى مەزكۇر خەۋەرلەرگە قارىتا تېخىچە بايانات بەرمىگەن بولسىمۇ، دۆلەت مۇداپىئە قوشۇنى چارشەنبە كۈنى دۆلەتنى نىشانلىغان سەككىز ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Gulf allies, under Iran strikes, feel the heat as US prioritises Israel's defence in arms hierarchy
ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋاننىڭ توقۇنۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىۋاسىتە سۆھبەت باشلاتتى
ترامپ ئىران ئۇرۇشىنىڭ «ناھايىتى تېزلا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
روھىڭگيا ۋە بېنگاللىقلارنى توشۇۋاتقان كېمە چۆكۈپ كەتتى، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئېنىق ئەمەس
25 پاراخوت ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتتى؛ ئامېرىكانىڭ قامالىغا قارىماي دېڭىز قاتنىشى داۋاملاشماقتا
ۋانىس: پاكىستاندىكى ئىران سۆھبەتلىرىدە «زور ئىلگىرىلەش» قولغا كەلتۈرۈلدى
جەنۇبىي كورېيە بىلەن پولشا مۇداپىئە ساھەسىدىكى ئالاقىلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا
رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا پاسخا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن باشلانغان ئۇرۇش توختىتىش ئاخىرلاشتتى
پېدرو سانچېز: «خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ»
ئاراقچى: سۆھبەت نابۇت بولۇشتىن ئىلگىرى كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا ئىنتايىن يېقىنلاشقان ئىدۇق
ئامېرىكانىڭ ئىران پورتلىرىنى قورشاۋغا ئېلىش قارارىدىن كېيىن نېفىت باھاسى ئۆرلىدى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا 175 تىن ئۇرۇش ئەسىرىنى ئالماشتۇردى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا 32 سائەتلىك «پاسكا» ئۇرۇش توختىتىشى يولغا قويۇلدى
ۋانس: «پاكىستاندىكى 21 سائەتلىك مارافونچە سۆھبەتتىن ئامېرىكا-ئىران كېلىشىمى چىقمىدى»
ئىران دۆلەت تاراتقۇلىرى: سۆھبەت ئامېرىكانىڭ «ئورۇنسىز» تەلىپى سەۋەبىدىن مەغلۇپ بولدى
پاكىستان مۇداپىئە مىنىستىرى لىۋاندا 300 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ئىسرائىلىيەنى «راك» دەپ ئاتىدى
ئىران تاراتقۇلىرى: خارازى ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ «تېررورلۇق ھۇجۇمى»دا ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىران: رامكا كېلىشىمىنىڭ مۇھىم ماددىلىرى تىنچلىق سۆھبىتىدىن ئىلگىرى دەپسەندە قىلىندى
ترامپ: «ھەقىقىي كېلىشىم» ئىجرا قىلىنغۇچە ئامېرىكا ئىران ۋە ئەتراپىدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ
شىمالىي كورېيە 7 گېكتارلىق دائىرىنى «كۈلگە ئايلاندۇرۇۋېتەلەيدىغان» بومبىسىنى سىناق قىلدى
ترامپ «ئىراندا ھاكىمىيەت ئالماشتى» دەۋاسىدىن كېيىن، ئىران بىلەن ھەمكارلىق سىگنالى بەردى