سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
مىچوتاكىس ئەنقەرەدە «ئالاقىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» سىگنالى بەردى
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىچوتاكىس: «ئەنقەرەنى زىيارەت قىلىش مەن ئۈچۈن ھەمىشە بىر خۇشاللىنارلىق ئىش. مەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ھەمىشە كۈچلۈك تەرەپدارى بولۇپ كەلدىم» دېدى.
مىچوتاكىس ئەنقەرەدە «ئالاقىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» سىگنالى بەردى
گىرىتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىس ئەنقەرەدە

مىچوتاكىس 36-نۆۋەتلىك ناتو دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنىدىن ئىلگىرى مۇخبىرلارغا بايانات بەردى.

ئۆز دۆلىتىنىڭ ناتونى تەۋرەنمەستىن قوللايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان مىچوتاكىس: «نۆۋەتتە قوراللىق قىسىملىرىمىز ئۈچۈن 25 مىليارد ياۋرولۇق زامانىۋىلاشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇۋاتىمىز» دېدى.

مىچوتاكىس گىرېتسىيەنىڭ ھەر ۋاقىت ناتو ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئورۇنداپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمگە رىئايە قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسەتكەن مىچوتاكىس مۇنداق دېدى: «تۇرمۇش تەننەرخى پۈتكۈل ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرى ئۈچۈن بىرىنچى دەرىجىلىك مۇھىم ئىش بولۇۋاتقان بىر مەزگىلدە، دېموكراتىيە ۋە دىپلوماتىيەگە بۇ مۇرەككەپ مەسىلىنى ھەل قىلىشى ئۈچۈن ۋاقىت بېرىش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەلۋەتتە، جىددىيچىلىكنىڭ يەنىمۇ ئۆرلەپ كېتىشىنىڭ بېنزىن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن، مەن بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

مىچوتاكىس باشلىقلار يىغىنىنىڭ تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكى توغرىسىدىمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەنقەرەنى زىيارەت قىلىش مەن ئۈچۈن ھەمىشە بىر خۇشاللىنارلىق ئىش. مەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ھەمىشە كۈچلۈك تەرەپدارى بولۇپ كەلدىم.»

ئىزدىنىڭ
ش ق ت ج ياۋروپانىڭ ۋەكىل تەيىنلىشىنى رەت قىلىپ، ھەل قىلىش سۆھبەتلىرىدە باراۋەر سالاھىيەت تەلەپ قىلدى
بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇلا دا سىلۋا ترامپنى «قاراقچىلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈنۈگۈن كېچىمۇ داۋاملاشتى
تېررورلۇق تەشكىلاتى «فەتو» دېگەن نېمە؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى دائېشنىڭ ئاتالمىش رەھبەرلىرىدىن تالىپ گۈلەرنى قولغا چۈشۈردى
پۈتكۈل تۈركىيە 2016-يىلى 15-ئىيۇل كۈنى خەۋەر تاپقان ByLock پىروگراممىسى
ھورمۇز بوغۇزىدىكى پاراخوت قاتنىشى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
ئىراننىڭ بەزى شەھەرلىرى ۋە كېشم ئارىلىدا پارتلاش ئاۋازلىرى ئاڭلاندى
تايلاندتىكى بىر بەزمىخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 27 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئەلىيېۋ تۈركىيە – ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرىگە باھا بەردى: بۇنچىلىك دوست بولغان باشقا ئىككى دۆلەت يوق
ئىران «دۈشمەن بازىلىرى»غا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى ئېلىپ باردى
بىر مىليونغا يېقىن خىتاي ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ قاچتى
ياۋروپا ۋە ئەنگلىيە قىرغاقلىرىدا گۆش يەيدىغان ئەجەللىك باكتېرىيە ئەندىشە ياراتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەگە يەنە ھۇجۇم قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سىرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلىدى