ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
تەيۋەن يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەرنىڭ %50 نى ئامېرىكادا ئىشلەپچىقىرىشنى رەت قىلدى
سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى تەيۋەننىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا ئوبوروتىدا ئېشىنچا پەيدا قىلىپ، تەيۋەننى ترامپنىڭ نىشانلىق دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.
تەيۋەن يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەرنىڭ %50 نى ئامېرىكادا ئىشلەپچىقىرىشنى رەت قىلدى
تەيۋەن يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەرنىڭ %50 نى ئامېرىكادا ئىشلەپچىقىرىشنى رەت قىلدى
2025-يىلى10-ئاينىڭ1-كۈنى

ۋاشىنگتون تەيۋەنگە ئامېرىكا زېمىنىدا تېخىمۇ كۆپ ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىشقا بېسىم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، تەيۋەننىڭ بۇ مەسىلە بويىچە باش مۇزاكىرىچىسى، دۆلىتىنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەرنىڭ %50 نى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئىشلەپچىقىرىشنى «قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى» ئېلان قىلدى.

تەيۋەن مۇئاۋىن باش مىنىستىرى چېڭ لىچيۈن، ئامېرىكا سودا مىنىستىرى خوۋارد لۇتنىكنىڭ تەيۋەنگە ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىشتا %50-%50 نى ئورتاق بەھرىلىنىش تەكلىپىنى بەرگەنلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلدى.

چېڭ چارشەنبە كۈنى تەيبېيدە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«بۇ، ئامېرىكانىڭ پىكرى. بىزنىڭ مۇزاكىرىچى گۇرۇپپىمىز ئۆزەك تەقسىماتىدا ھەرگىزمۇ %50-%50 ۋەدە بەرمىدى.

بۇ قېتىمقى يىغىنلاردا بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلمىغانلىقىمىزغا ئىشەنسەڭلار بولىدۇ. بىز بۇنداق شەرتنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايمىز.»

چېڭ ۋاشىنگتوندىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئېلان قىلغان  باياناتىدا، ئامېرىكانىڭ تەيۋەندىن كەلگەن مەھسۇلاتلارغا قويغان تاموژنا باجلىرى توغرىسىدىكى مۇزاكىرىلەردە «مۇئەييەن دەرىجىدە ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى» بىلدۈردى.

تەيۋەن ئامېرىكا بىلەن تاموژنا بېجى كېلىشىمى ھاسىل قىلىشتا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەيۋەن ئارىلىدىكى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى ئەندىشىگە سالغان ۋاقىتلىق %20 باج ئېلىش تەدبىرىنى قوللانغان ئىدى.

ترامپ يەنە بۇ دۆلەتكە كەلگەن يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەرگە «ناھايىتى يۇقىرى تاموژنا بېجى» قويۇش تەھدىتىنى سالغان ئىدى.

سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى تەيۋەننىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا ئوبوروتىدا ئېشىنچا پەيدا قىلىپ، تەيۋەننى ترامپنىڭ نىشانلىق دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.

تەيۋەن مىنىستىرلار كابىنېتى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، تەيۋەن ئارىلىنىڭ ئامېرىكاغا قىلغان ئېكسپورتىنىڭ %70 تىدىن كۆپرەكىنىڭ ئۇچۇر ۋە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى مەھسۇلاتلىرى، بولۇپمۇ ئۆزەكلەردىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 «كېتون قالقان»

 

تەيۋەن تاموژنا باجلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئامېرىكادىكى مەبلەغ سېلىشنى ئاشۇرۇش، تېخىمۇ كۆپ ئېنېرگىيە سېتىۋېلىش ۋە دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتىنى مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %3 تىن ئاشۇرۇشقا ۋەدە بەردى.

 تەيۋەن دۇنيادىكى يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ۋە بارلىق ئەلا سۈپەتلىك ئۆزەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت.

ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەيۋەندە مەركەزلىشىشى ئۇزۇندىن بۇيان خىتاينىڭ ئارالنى بېسىۋېلىشى ياكى قورشاۋغا ئېلىشىغا قارشى «كېتون قالقان» دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. خىتاي تەيۋەننى ئۆزىنىڭ زېمىنىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارىماقتا، بۇ بولسا ئامېرىكانى تەيۋەننى قوغداشقا ئۈندىمەكتە.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرى لۇتنىك ھەپتە ئاخىرى NewsNation تېلېۋىزىيە قانىلى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، تەيۋەننىڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ %50 نى ئامېرىكادا ئېلىپ بېرىشنىڭ «ئېھتىياج تۇغۇلغاندا كېرەكلىك ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى» ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«بىزنىڭ تەيۋەن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىز مۇشۇ يۆنىلىشتە بولدى. چۈشىنىشكە تېگىشلىكى شۇكى، بىزنىڭ %50 ئىشلەپچىقىرىشىمىز سىلەر ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بىزنىڭ نىشانىمىز، ئامېرىكا ئىچكى ئىستېمالى ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەرنى ئىشلەپچىقىرىشتا %40، بەلكىم %50 بازار ئۈلۈشىگە يېتىشتۇر. مانا بىزنىڭ ئاساسلىق نىشانىمىزدۇر.»

ئىزدىنىڭ
خىتاي بىلەن ھىندىستان بەش يىلدىن كېيىن بىۋاسىتە ھاۋا قاتنىشىشىنى ئىشقا كىرىشتۈردى
جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە 2 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى چۈشۈپ كەتتى
ئەردوغان: ھاماس ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلماقتا، ئىسرائىلىيە داۋاملىق خىلاپلىق قىلماقتا
مودى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلەر ئىتتىپاقى يىغىنىغا ئىنتېرنېت ئارقىلىق قاتنىشىدۇ
زېلېنسكىي: پۇتىن  ۋە ترامپ بىلەن بۇداپېشتتا كۆرۈشۈشكە تەييارمەن
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە «ئۇرۇش توختاتماسلىقى» 97 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
خىتاي تىم كۇكنىڭ زىيارىتى جەريانىدا ئامېرىكانى «باراۋەر تۇرۇپ دىيالوگ» ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى
بېيجىڭ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاي كارخانىلىرىغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنى بىكار قىلىشقا چاقىردى
ئامېرىكا قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى ترامپتىن ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلدى
گوللاندىيەدە 250 مىڭ كىشى ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
پەلەستىن باش مىنىستىرى ھۆكۈمىتىنىڭ غەززەدە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
ۋيېتنامدا «بۇيالوي» تەيفېڭ بورىنىدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە
ۋېيتنامدا «بۇۋالوي» ناملىق تەيفېڭ بورىنى 9 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
غەززەگە قاراپ يولغا چىققان «سۇمۇد» ياردەم فىلوتى مىسىرنىڭ شىمالىي دېڭىز قىرغاقلىرىغا يېقىنلاشماقتا
ئىران ياۋروپاغا تەھدىت سالدى
ئەردوغان: ب د ت نىڭ پەلەستىننى قوللىشى مۇھىم، ترامپ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت «مۇۋەپپەقىيەتلىك» بولدى
ياردەم ئەترىتى ئىسرائىلىيەنىڭ تەھدىتىگە قارىماي غەززەگە قاراپ يولغا چىقىشقا تەييارلانماقتا
دانىيە ئايرودۇرۇمى گۇمانلىق ئۇچقۇلار سەۋەبىدىن يەنە تاقالدى
ئىسرائىلىيەنىڭ «بىخەتەر رايونى» غەززەدىكى بىر مىليون پەلەستىنلىكنى سۇدىن مەھرۇم قىلدى
غەرب ئەللىرى ئىسرائىلىيەنى غەززەدە ساقلىقنى ساقلاش كارىدورى ئېچىشقا چاقىردى