ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
تەيۋەن يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەرنىڭ %50 نى ئامېرىكادا ئىشلەپچىقىرىشنى رەت قىلدى
سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى تەيۋەننىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا ئوبوروتىدا ئېشىنچا پەيدا قىلىپ، تەيۋەننى ترامپنىڭ نىشانلىق دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.
تەيۋەن يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەرنىڭ %50 نى ئامېرىكادا ئىشلەپچىقىرىشنى رەت قىلدى
تەيۋەن يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەرنىڭ %50 نى ئامېرىكادا ئىشلەپچىقىرىشنى رەت قىلدى / AP

ۋاشىنگتون تەيۋەنگە ئامېرىكا زېمىنىدا تېخىمۇ كۆپ ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىشقا بېسىم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، تەيۋەننىڭ بۇ مەسىلە بويىچە باش مۇزاكىرىچىسى، دۆلىتىنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەرنىڭ %50 نى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئىشلەپچىقىرىشنى «قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى» ئېلان قىلدى.

تەيۋەن مۇئاۋىن باش مىنىستىرى چېڭ لىچيۈن، ئامېرىكا سودا مىنىستىرى خوۋارد لۇتنىكنىڭ تەيۋەنگە ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىشتا %50-%50 نى ئورتاق بەھرىلىنىش تەكلىپىنى بەرگەنلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلدى.

چېڭ چارشەنبە كۈنى تەيبېيدە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«بۇ، ئامېرىكانىڭ پىكرى. بىزنىڭ مۇزاكىرىچى گۇرۇپپىمىز ئۆزەك تەقسىماتىدا ھەرگىزمۇ %50-%50 ۋەدە بەرمىدى.

بۇ قېتىمقى يىغىنلاردا بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلمىغانلىقىمىزغا ئىشەنسەڭلار بولىدۇ. بىز بۇنداق شەرتنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايمىز.»

چېڭ ۋاشىنگتوندىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئېلان قىلغان  باياناتىدا، ئامېرىكانىڭ تەيۋەندىن كەلگەن مەھسۇلاتلارغا قويغان تاموژنا باجلىرى توغرىسىدىكى مۇزاكىرىلەردە «مۇئەييەن دەرىجىدە ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى» بىلدۈردى.

تەيۋەن ئامېرىكا بىلەن تاموژنا بېجى كېلىشىمى ھاسىل قىلىشتا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەيۋەن ئارىلىدىكى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى ئەندىشىگە سالغان ۋاقىتلىق %20 باج ئېلىش تەدبىرىنى قوللانغان ئىدى.

ترامپ يەنە بۇ دۆلەتكە كەلگەن يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەرگە «ناھايىتى يۇقىرى تاموژنا بېجى» قويۇش تەھدىتىنى سالغان ئىدى.

سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى تەيۋەننىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا ئوبوروتىدا ئېشىنچا پەيدا قىلىپ، تەيۋەننى ترامپنىڭ نىشانلىق دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.

تەيۋەن مىنىستىرلار كابىنېتى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، تەيۋەن ئارىلىنىڭ ئامېرىكاغا قىلغان ئېكسپورتىنىڭ %70 تىدىن كۆپرەكىنىڭ ئۇچۇر ۋە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى مەھسۇلاتلىرى، بولۇپمۇ ئۆزەكلەردىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 «كېتون قالقان»

 

تەيۋەن تاموژنا باجلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئامېرىكادىكى مەبلەغ سېلىشنى ئاشۇرۇش، تېخىمۇ كۆپ ئېنېرگىيە سېتىۋېلىش ۋە دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتىنى مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %3 تىن ئاشۇرۇشقا ۋەدە بەردى.

 تەيۋەن دۇنيادىكى يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ۋە بارلىق ئەلا سۈپەتلىك ئۆزەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت.

ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەيۋەندە مەركەزلىشىشى ئۇزۇندىن بۇيان خىتاينىڭ ئارالنى بېسىۋېلىشى ياكى قورشاۋغا ئېلىشىغا قارشى «كېتون قالقان» دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. خىتاي تەيۋەننى ئۆزىنىڭ زېمىنىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارىماقتا، بۇ بولسا ئامېرىكانى تەيۋەننى قوغداشقا ئۈندىمەكتە.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرى لۇتنىك ھەپتە ئاخىرى NewsNation تېلېۋىزىيە قانىلى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، تەيۋەننىڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ %50 نى ئامېرىكادا ئېلىپ بېرىشنىڭ «ئېھتىياج تۇغۇلغاندا كېرەكلىك ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى» ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«بىزنىڭ تەيۋەن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىز مۇشۇ يۆنىلىشتە بولدى. چۈشىنىشكە تېگىشلىكى شۇكى، بىزنىڭ %50 ئىشلەپچىقىرىشىمىز سىلەر ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بىزنىڭ نىشانىمىز، ئامېرىكا ئىچكى ئىستېمالى ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەرنى ئىشلەپچىقىرىشتا %40، بەلكىم %50 بازار ئۈلۈشىگە يېتىشتۇر. مانا بىزنىڭ ئاساسلىق نىشانىمىزدۇر.»

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز