تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى «X» سۇپىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، تۈنۈگۈن كەچتىن بۈگۈن ئەتىگەنگىچە خىتاينىڭ جەڭ ئايروپىلانلىرى ۋە ياردەمچى ئايروپىلانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ تەيۋەن ئارىلى ئەتراپىدا جەمئىي 19 قېتىم ئۇچۇش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۇچۇشلارنىڭ تۆت قېتىملىقى تەيۋەن تەرەپ ئېلان قىلغان «ھاۋا مۇداپىئەسىنى پەرقلەندۈرۈش رايونى» (ADIZ) نىڭ غەربىي جەنۇب ۋە شەرقىي قىسىملىرىدا ئېلىپ بېرىلغان.
باياناتتا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ جەرياندا خىتاينىڭ 7 ئۇرۇش پاراخوتى ۋە ھۆكۈمەتكە تەۋە 6 پاراخوتىمۇ ئارال ئەتراپىدىن ئۆتكەن. تەيۋەن ئارمىيەسى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل سىڭىپ كىرىشلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن چارلاش ئايروپىلانلىرى، ھەربىي پاراخوتلار ۋە دېڭىز قىرغىقىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى جىددىي ئىشقا سالغان. مىنىستىرلىق بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئارال ئەتراپىدا تۈنۈگۈن 32 قېتىم، ئالدىنقى كۈنى 22 قېتىم ئۇچۇش پائالىيىتىنىڭ خاتىرىلەنگەنلىكىنى مەلۇم قىلغانىدى.
مەلۇمكى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەننى ئۆز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ قارايدۇ. تەيۋەن بولسا 1949-يىلىدىن بۇيان ئەمەلىيەتتە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە. ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا شەكىللەنگەن بۇ بۆلۈنۈش ۋە ئىگىلىك ھوقۇق تالاش-تارتىشى بۈگۈنكى كۈندىمۇ داۋاملاشماقتا.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەيۋەنگە بولغان ھەربىي بېسىمىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىۋاتقان بېيجىڭ دائىرىلىرى، ئارالنى چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن قايتا بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن زۆرۈر تېپىلغاندا كۈچ ئىشلىتىش ئېھتىماللىقىنى ھەرگىز چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. تەيۋەنمۇ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ ھەربىي خىراجىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان بولۇپ، ئامېرىكادىن سېتىۋالغان يېڭىچە قورال سىستېمىلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا.























