خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
پېرۇدا ساياھەت ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ، 13 كىشى ئۆلدى
مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر، ۋەقەدە 11 يولۇچى بىلەن 2 ئايروپىلان خادىمىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
پېرۇدا ساياھەت ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ، 13 كىشى ئۆلدى
پېرۇدا ساياھەت ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ، 13 كىشى ئۆلدى / AP

پېرۇدا ساياھەتچىلەرنى ئېلىپ ماڭغان بىر ئايروپىلان نازكا (Nazca) شەھىرىگە يېقىن يەرگە چۈشۈپ كەتتى. يەرلىك دائىرىلەر قازادا 13 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ساقچى باشلىقى خۇرگ ئاندراد (Jorge Andrade) شەنبە كۈنى ئۆلكىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا: «ئۆلكىمىزدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا 11 يولۇچى بىلەن 2 ئايروپىلان خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلغان» دېدى.

نازكا شەھەرلىك ھۆكۈمىتى فېيسبۇك ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئايروپىلاننىڭ يۈزلىگەن يىللار ئىلگىرى پېرۇنىڭ يەرلىك ئاھالىلىرى تەرىپىدىن نازكا ئەتراپىدىكى چۆلگە سىزىلغان، ئارخېئولوگىيەلىك گېئوگلىف بېزەكلىرىدىن تەشكىل تاپقان «نازكا سىزىقلىرى» نى ساياھەت قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

جانسىز ھايۋانات شەكىللىرىدىن تەشكىل تاپقان بۇ سىزىقلارنى پەقەت ئايروپىلاندا ياكى يۇقىرى كۆزىتىش مۇنارلىرىدىىنلا تولۇق كۆرگىلى بولىدۇ.

نازكا شەھەرلىك ھۆكۈمىتى ئايروپىلاننىڭ يېقىندىكى ئىكا (Ica) شەھىرىدىن ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە پېرۇنىڭ Aerodiana شىركىتىگە تەۋە ئايروپىلان ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

شىركەتنىڭ ئىنترېنت تور بېكىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، Cessna Grand Caravan تىپلىق ئايروپىلانلار بىلەن ئۆتكەن 14 يىلدىن بېرى نازكا سىزىقلىرى ئۈستىدە ساياھەت ئۇچۇشلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا.

پېرۇ دائىرىلىرى ۋەقەگە قارىتا تەكشۈرۈش باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. Aerodiana شىركىتى بولسا بۇ ھەقتە ئېنىق بايانات ئېلان قىلمىدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە كەڭ دائىرىلىك جازا يۈرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا
دەسلەپكى نەتىجىلەرگە قارىغاندا، پۇتىننىڭ پارتىيەسى پارلامېنت سايلىمىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن
ئەردوغان نىيۇيوركتىكى تۈرك ئۆيىگە يېتىپ بارغاندا ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى