سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئۇكرائىنا ئارمىيەسى: رۇسىيە تىنچلىق سۆھبەتلىرى جەريانىدا كىيېۋغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
مىيامى سۆھبەتلىرىدىن كېيىن ئۇكرائىنا تىنچلىق ئىزدەش تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، رۇسىيە كۈچلىرى ئەتىگەن تەرەپلەردە كىيېۋغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.
ئۇكرائىنا ئارمىيەسى: رۇسىيە تىنچلىق سۆھبەتلىرى جەريانىدا كىيېۋغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
2025-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى، رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە دۇرۇن ھۇجۇمى جەريانىدا، ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋ ئاسمىنىدا دۇرۇن پارتىلىشى كۆرۈلدى. / Reuters
2025-يىلى12-ئاينىڭ23-كۈنى

ئامېرىكانىڭ يېتەكچىلىكىدە مىيامىدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە يەكشەنبە كۈنى ئاخىرلاشقان تىنچلىق سۆھبەتلىرىدىن بىرنەچچە كۈن كېيىنلا، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن تەرەپلەردە رۇسىيەنىڭ كىيېۋغا ھاۋا ھۇجۇمى  قوزغىغانلىقىنى جاكارلىدى.

كىيېۋ ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى تېلېگرام سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:

«دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى پايتەخت سامالىرىدىكى تەھدىتنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىمەكتە. خەلقىمىزنى جىددىي ھالەتنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغانغا قەدەر پاناھلىنىش ئورۇنلىرىدىن ئايرىلماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرىمىز.»

دائىرىلەر مەزكۇر ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تالاپەت ياكى زىيان-زەخمەت ھەققىدە تېخى مەلۇمات بەرمىدى، ھۇجۇمنىڭ تەپسىلىي دائىرىسىمۇ تېخى ئېنىقلانمىدى.

ۋاشىڭتون رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان بىر كېلىشىم ئۈچۈن ئاساس بار-يوقلۇقىنى سىناۋاتقان بىر پەيتتە، مىيامىدىكى ھەپتە ئاخىرى سۆھبەتلىرىدە ئامېرىكا دائىرىلىرى ئۇكرائىنا ۋە ياۋروپا ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى، شۇنداقلا رۇسىيە ۋەكىللىرى بىلەنمۇ ئايرىم ئالاقە قىلدى.

ئۇرۇش توختىتىش نىشان قىلىنغان مۇزاكىرىلەردە ئىجابىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي رۇسىيە بىلەن ئۇدا تەخمىنەن تۆت يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلغان مۇزاكىرىلەردە «ھەقىقىي بىر نەتىجىگە ئېرىشىش زېمىنى ھازىرلانغانلىقى» نى بىلدۈردى.

ئۇكرائىنا دىپلوماتلىرىنىڭ بىر يىغىنىدا سۆز قىلغان زېلېنسكىي ئۇكرائىنا، ئامېرىكا ۋە ياۋروپالىق شېرىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۆھبەتلەردە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلەپ: «ھەممە نەرسە ئىنتايىن قىممەتلىك كۆرۈنۈۋاتىدۇ. بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى، بۇنىڭ ھەم بىزنىڭ ھەم ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خىزمىتى بولغانلىقىدۇر. بۇ بىزنىڭ ھەقىقىي نەتىجىگە ئىنتايىن يېقىنلاشقانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.

يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار رۇستەم ئۇمەروۋ باشچىلىقىدىكى ئۇكرائىنا مۇزاكىرىچىلىرى ئامېرىكا ۋەكىللىرى بىلەن فىلورىدادىكى ئاخىرقى سۆھبەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يۈرۈش مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ باردى.

پىرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىننىڭ مەبلەغ سېلىش ئىشلىرى ۋەكىلى رۇسىيەلىك مۇزاكىرىچى كىرىل دمىترىيېۋمۇ ئوخشاش بىر جايدا ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن ئايرىم سۆھبەتلەرنى ئېلىپ باردى.

ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە دائىرىلىرى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ سۆھبەت نەتىجىسىنى مەلۇم قىلىش ئۈچۈن دۈشەنبە كۈنى دۆلەتلىرىگە قايتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
ئىران نېفىت ئۇل-ئەسلىھەلىرىگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلماقتا
سېئۇل-ۋاشىنگتون ھەربىي مانېۋىرى مەزگىلىدە پىيوڭياڭ ئىككىنچى قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى
موسكۋا: ئىراننىڭ ئىسپاھان شەھىرىدىكى كونسۇلخانا زىيانغا ئۇچرىدى
«ئىنتايىن ئاچچىق تەجرىبە»نى باشتىن كەچۈرگەن ئاراقچى ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلىشىشنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى خىرىستىيان يېزىسىدا مارونىي كاتولىك راھىبىنى ئۆلتۈردى
ئامېرىكا ئافغانىستاننى «قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىشنى قوللايدىغان دۆلەت» دەپ ئېلان قىلدى
ئامېرىكا ئىران بىلەن بولغان توقۇنۇشتا 330 مىليون دوللارلىق 11 دانە ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتىدىن ئايرىلدى
ئەردوغان: سەۋەبى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تەۋەلىكىمىزگە تاجاۋۇز قىلىنىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى: ئۇرۇشنىڭ تەقدىرىنى بىز بەلگىلەيمىز
ئىران تەرەپتىن تۈركىيەگە قارىتىپ قويۇپ بېرىلگەن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا توسۇپ قېلىندى
ئىران: «ئامېرىكا سىرىلانكا قىرغاقلىرىدا زەربە بەرگەن كېمىدە 104 ئەسكەر ئۆلدى»
ئىران خامەنېينىڭ ئوغلى مۇجتەبانى يېڭى دىنىي رەھبەر قىلىپ تەيىنلىدى
ئىرانغا قارشى ئۇرۇش بىلەن بىرلىكتە نېفىت باھاسى 105 دوللاردىن ئېشىپ كەتتى
بېلگىيەدە بىر يەھۇدىي ئىبادەتخانىسى پارتلاپ زىيانغا ئۇچرىدى، ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى
تۈركىيە شىمالىي قىبرىسقا F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ۋە مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى