خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
يېڭى كۆرۈنۈشلەر ئامېرىكا بومبىسىنىڭ ئىراندىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ يېقىنىغا چۈشكەنلىكىنى كۆرسەتتى
Bellingcat ناملىق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئامېرىكا بومباردىمانىنىڭ يېڭى كۆرۈنۈشلىرىگە ئاساسلىنىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىگە تەۋە بىر دانە «تاماخاۋك» (Tomahawk) باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ مىناب شەھىرىدىكى بىر قىزلار مەكتىپىنىڭ يېنىغا چۈشكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.
يېڭى كۆرۈنۈشلەر ئامېرىكا بومبىسىنىڭ ئىراندىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ يېقىنىغا چۈشكەنلىكىنى كۆرسەتتى
تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكا قىسىملىرى پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمىگە ئېھتىمال مەسئۇل. [ئارخىپ فوتوسى] / Reuters

گوللاندىيەگە مەركەزلەشكەن تەتقىقات ئورگىنى Bellingcat يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، 28-فېۋرال كۈنى ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى مىناب بازىرىدا ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى قوشۇنىغا تەۋە بىر ئەسلىھەگە ئامېرىكا تاماخاۋك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ چۈشكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان يېڭى سىن كۆرۈنۈشلىرىنى ئاشكارىلىدى. بۇ خەۋەر ئىراندىكى قىزلار مەكتىپىگە قىلىنغان ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارىنىڭ ئامېرىكا ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدىغان ۋە سانى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان ئانالىزلارنى قوللىدى.

Bellingcat ئىراننىڭ «مەھر» خەۋەر ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان تاماخاۋكنىڭ تەسىرىنى كۆرسىتىدىغان كۆرۈنۈشلەرنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىنى بېكىتتى. تەكشۈرۈشتە يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپتىن ئىس – تۈتەكلەرنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكى، بۇ يەردە 170 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى. مەزكۇر گۇرۇپپا ئىسرائىلىيەنىڭ قولىدا بولمىغان بۇ خىل باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارغا ئىگە بىردىنبىر تەرەپنىڭ ئامېرىكا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ شەنبە كۈنىدىكى ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارىنىڭ ئىران ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى دەۋاسى بىلەن زىددىيەتلىك بىر ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى. ترامپ ئىلگىرى مۇخبىرلارغا: «بۇنى ئىران قىلدى. ئۇلارنىڭ ئوق-دورىلىرى ئىنتايىن نىشانسىز» دېگەن ئىدى. نۆۋەتتە ئامېرىكانىڭ ئۆز تەكشۈرۈشى داۋاملاشماقتا. Bellingcat نىڭ بايقىغانلىرى ئىلگىرىكى نۇرغۇن ئانالىزلارغا ماس كەلمەكتە.

تاراتقۇلارنىڭ تەكشۈرۈشلىرى ئامېرىكاغا ئىشارەت قىلماقتا

«Wall Street Journal» گېزىتى ئامېرىكالىق بىر ئەمەلدارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئامېرىكا ھەربىي تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭمۇ ۋەقەگە ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ جاۋابكار بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئەمما تېخى ئاخىرقى خۇلاسىگە كەلمىگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. مەزكۇر ئەمەلدار بومباردىمان قىلىنغان بىنانىڭ ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ قارارگاھى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەنلىكىگە دائىر ئىشارەتلەرنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«New York Times» گېزىتى سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرى ۋە جۇغراپىيەلىك ئورنى بېكىتىلگەن سىنلاردىن پايدىلىنىپ، مەكتەپنىڭ يېنىدىكى بىر ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى دېڭىز ئارمىيە بازىسىغا قىلىنغان ئېنىق نىشانلىق ھۇجۇملار بىلەن بىر ۋاقىتتا مەكتەپنىڭمۇ بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى بايقىدى. سابىق بىر ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە ئەمەلدارى ئەڭ مۇمكىنچىلىكى بار بولغان چۈشەندۈرۈشنىڭ «نىشاننىڭ خاتا بېكىتىلىپ قېلىشى» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«BBC Verify» گۇرۇپپىسى ھەم مەكتەپنىڭ ھەم يېقىن ئەتراپتىكى ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئەسلىھەلىرىنىڭ ئەتراپىدا بىردىن كۆپ زەربە ۋە كۆيۈك ئىزى بارلىقىنى مەلۇم قىلدى. ئانالىزچىلار زىياننىڭ شەكلىنىڭ تېشىپ كىرىدىغان ئوق-دورا ئىشلىتىلگەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

«Middle East Eye» تورى ئامان قالغانلار ۋە دەسلەپكى قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، مۇمكىنچىلىكى بار بولغان بىر «قوش زەربە» ھۇجۇمى توغرىسىدا توختالدى. يەنى دەسلەپكى پارتلاشتىن قىسقا ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، رايوندا يەنە ئىككىنچى بىر پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ قېتىم پاناھلىنىش ئورۇنلىرىغا كىرگەن كىشىلەر نىشانغا ئېلىنغان.

«CBC News» قانىلى مەزكۇر ھۇجۇمنىڭ ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ جەنۇبىغا قاراتقان تۇنجى ھۇجۇم دولقۇنى بىلەن ئوخشاش بىر ۋاقىتقا توغرا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىرانلىق ئەمەلدارلارنىڭ ئېيتىشىچە، 28-فېۋرال كۈنى «شەجەرەتۇتتەييىبە» باشلانغۇچ مەكتىپىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا كۆپىنچىسى بالىلار بولۇپ 170 تىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. UNESCO ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى دائىرىسىدە مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ قوغدىلىشىغا قارىتىلغان «ئېغىر خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى» دەپ باھا بەردى ۋە ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا چاقىرىق ئېلان قىلدى. ھازىرغىچە ھېچبىر تەرەپ رەسمىي ھالدا ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمىدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ياۋروپادىكى مائارىپ كىرىزىسى: PISA نەتىجىسى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكەن 5 ھەپتە ئىچىدە 13 كىشى «M چېچىكى» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى
گۇگۇلنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلى Gemini بىخەتەرلىك سىنىقى جەريانىدا شىركەت سىستېمىلىرىغا سىزىپ كىردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
رۇسىيە ياپونىيەدىن ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
پاكىستاندىكى بىر ساقچىخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
فىلىپپىندا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئالتە ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسكاندىناۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسرائىلىيەگە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى بىكار قىلدى
پاكىستاندا بىر جامە ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
قەھۋە پۇرىقىنىڭ كەيپىيات ۋە مېڭە دولقۇنلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى