سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
موسكۋا: ئىراننىڭ ئىسپاھان شەھىرىدىكى كونسۇلخانا زىيانغا ئۇچرىدى
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا مۇشۇ ھەپتە بېشىدا يۈز بەرگەن بومباردىماندا، ئىراننىڭ ئىسپاھان شەھىرىدىكى رۇسىيە كونسۇلخانىسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى دەلىللىدى.
موسكۋا: ئىراننىڭ ئىسپاھان شەھىرىدىكى كونسۇلخانا زىيانغا ئۇچرىدى
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسپاھاندىكى كونسۇلخانىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى. / Reuters

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا دىپلوماتىيە ۋاكالەتخانىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە «ئوچۇق-ئاشكارە خىلاپلىق قىلىش» ئىكەنلىكىنى، بارلىق تەرەپلەرنىڭ «دىپلوماتىك ئورۇنلارنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقى» پىرىنسىپىغا رىئايە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ مىنىستىرلىقنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «8-مارت (2026) كۈنى ئىراننىڭ ئىسپاھان شەھىرىدىكى رۇسىيە كونسۇلخانىسىنىڭ يېنىغا جايلاشقان ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىناسىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا، كونسۇلخانا بىناسى زىيانغا ئۇچرىدى» دېدى.

ئۇ سۆزلىرىگە مۇنۇلارنى قوشۇمچە قىلدى: «ئىشخانا بىناسى ۋە تۇرالغۇ بىنالىرىنىڭ دېرىزە ئەينەكلىرى چېقىلىپ كەتتى، بىر قانچە خىزمەتچى كۈچلۈك پارتلاش دولقۇنىدا يىقىلىپ چۈشتى. خوشاللىنارلىقى شۇكى، ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى.»

بۇ ۋەقە ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىنكى ۋەزىيەت كەسكىنلەشكەن بىر پەيتتە يۈز بەردى.

كرېمىل سارىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن سەيشەنبە (2026-يىلى 10-مارت) كۈنى ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پەزەشكىيان بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، مەزكۇر ئۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

پۇتىن دەرھال ئۇرۇش توختىتىش كۆپ قېتىم چاقىرىق قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Trump threatens Iran with consequences 'never seen before' over Strait of Hormuz mines
ئىزدىنىڭ
ناتو - ئۇكرائىنا كېڭىشى بىريۇسسېلدا جىددىي يىغىن چاقىردى
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ياردەمنى كېسىشىدىن چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ئارمىيە باياناتچىسى ئامېرىكانى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى
4 دۆلەت ھۇسىيلارنىڭ مەدىنىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىش ئۇرۇنۇشىنى ئەيىبلىدى
رۇبىيو ئىستېپا بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ھېرزوگ ھۆكۈمەت قۇرىدىغان كىشىنى يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلىدىكەن
كالىفورنىيە ئىشتاتى باشلىقى بارلىق ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈملىرىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتتى
رونالدو پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسى بىلەن خوشلاشتى
شىمالىي كورېيە يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «8-نويابىر كۈنى ئەزەربەيجاننى زىيارەت قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن»
ئەردوغان: تېررورلۇقتىن خالىي تۈركىيە مۇساپىمىز قانۇن دائىرىسىدە داۋاملاشماقتا
جەنۇبىي كورېيە ھورمۇز بوغۇزىغا يېقىن جايغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرىدۇ
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ساندېرس: ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش قىلىش ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ
چىفتچى: ئىتالىيە بىلەن بولغان بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىمىزنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلىۋاتىمىز
زېلېنىسكىي ترامپنىڭ ۋەكىللىرى كۇشنېر ۋە ۋىتكوف بىلەن تېلېفونلاشتى