مەدەنىيەت
3 مىنۇت ئوقۇش
كانادادا ئىسلاموفوبىيە ۋە پەلەستىندىن نەپرەتلىنىش جىنايەتلىرى %1800 ئاشتى
«پەلەستىن مۇستەسناسىنىڭ ھۆججەتلەشتۈرۈلۈشى» ناملىق دوكلاتتا، بۇ كەسكىن ئېشىشنىڭ كانادادىكى جامائەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ پەقەت كىچىك بىر قىسمىنىلا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
كانادادا ئىسلاموفوبىيە ۋە پەلەستىندىن نەپرەتلىنىش جىنايەتلىرى %1800 ئاشتى
7-ئۆكتەبىردىن كېيىنكى بىر ئايدا، NCCM دىن ئىسلام دىنىغا قارشى ھادىسىلەرنىڭ 1300% ئاشتى، بۇ سان يىل بويى 1800% گە يەتتى. / Reuters Archive
August 7, 2025

ئىسرائىلىيە 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردە غەززەگە قارشى ئۇرۇش ئاچقاندىن كېيىن، كانادادا ئۆچمەنلىك، نەپرەتلىنىش ۋەقەلىرىنىڭ ئەندىشىلىك دەرىجىدە كۆپەيگەنلىكى، ھەتتا بەزى رايونلاردا ئىسلاموفوبىيە ۋە پەلەستىندىن نەپرەتلىنىش جىنايەتلىرىنىڭ %1800 گىچە ئۆرلىگەنلىكى مەلۇم بولدى.

يورك ئۇنىۋېرسىتېتى ئىسلاموفوبىيە تەتقىقات مەركىزىدىن نادىيە ھەسەن ھازىرلاپ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان «پەلەستىن مۇستەسناسىنىڭ ھۆججەتلەشتۈرۈلۈشى» ناملىق دوكلات، يېقىنقى 21 ئاي ئىچىدە ئىسلاموفوبىيە، پەلەستىنگە قارشى ئىرقچىلىق (APR) ۋە ئەرەبلەرگە قارشى ئىرقچىلىقتا (AAR)  «كەسكىن ۋە خەتەرلىك» ئېشىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

نادىيە ھەسەن ئوتتاۋادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «2023-يىلى ئۆكتەبىردىن كېيىن كانادادا پەلەستىنگە قارشى ئىرقچىلىق، ئىسلاموفوبىيە ۋە ئەرەبلەرگە قارشى ئىرقچىلىق ئەۋج ئالدى. بۇ ئەھۋال كانادالىقلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە خىزمىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ» دېدى.

16 كانادالىق تەشكىلات بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت، ئاشكارا سانلىق مەلۇمات ۋە تاراتقۇ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغان دوكلاتتا، تورونتو ساقچى ئىدارىسىنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن 20-نويابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا پەلەستىنگە قارشى ۋە ئىسلاموفوبىيەلىك نەپرەت جىنايەتلىرىنىڭ ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا %1600 ئاشقانلىقىنى خاتىرىلىگەنلىكى تىلغا ئېلىندى.

كانادا ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2023-يىلى مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان نەپرەت جىنايىتى %94، ئەرەبلەر ۋە غەربىي ئاسىيالىقلارغا قارىتىلغىنى بولسا %52 ئاشقان.

كانادا مۇسۇلمانلىرى دۆلەتلىك كېڭىشى (NCCM)  7-ئۆكتەبىردىن كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدە ئىسلاموفوبىيە ۋەقەلىرىنىڭ %1300 كۆپەيگەنلىكىنى، بۇ نىسبەتنىڭ يىل ئاخىرىغىچە %1800 گە يەتكەنلىكىنى دوكلات قىلدى.

مۇسۇلمانلار قانۇنىي ياردەم مەركىزى   (MLSC) 2023  - يىلى ئۆكتەبىردىن 2024-يىلى مارتقىچە 474 كىشىلىك ھوقۇق دەۋاسىنى تاپشۇرۇۋالغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە 345 ى پەلەستىننى قوللىغانلىقى سەۋەبىدىن خىزمىتىدىن قالغان ياكى ۋەزىپىسىدىن ۋاقتىنچە توختىتىلغان كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىك. پەلەستىن قانۇن مەركىزى بولسا سەككىز ئاي ئىچىدە پەلەستىنگە قارشى ئىرقچىلىق ۋەقەلىرىنىڭ %600 ئۆرلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

نادىيە ھەسەن دوكلاتنىڭ جامائەتلەر يۈزلىنىۋاتقان ئەھۋالنىڭ پەقەت بىر قىسمىنىلا ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بۇ دوكلاتتىكى ئۇچۇرلار مەزكۇر تەشكىلاتلار بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەرگە، ئۇلار تەمىنلىگەن، شۇنداقلا ئاشكارا ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلارغا ۋە 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن 2024-يىلى نويابىرغىچە بولغان تاراتقۇ خەۋەرلىرىگە ئاساسلاندى» دېدى.

كانادانىڭ ئىسلاموفوبىيەگە قارشى كۈرەش ئالاھىدە ۋەكىلى ئامىرە ئەلغاۋابى بۇ نەتىجىلەرنىڭ جىددىي تەدبىر قوللىنىشنى تەقەززا قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ: «پەلەستىنلىكلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغدايدىغان كانادالىقلارنىڭ ئاۋازىنىڭ بوغۇلۇشى ۋە تەكشۈرۈلۈشى ئۇلارنىڭ تۇرمۇش-تىرىكچىلىكى ۋە ئىستىقبالىغا ھەقىقىي سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ» دېدى.

ئەلغاۋابى بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ پۈتۈن كانادادا كۈندىلىك يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا قارشى كۈرەش قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «11-سېنتەبىردىن كېيىن پەيدا بولغان كونا قېلىپلاشقان قاراشلار قايتىدىن باش كۆتۈردى. ئاشقۇن ئوڭ قاناتچىلار ۋە باشقىلار بۇ قاراشلارنى كۈچەيتىپ، بولۇپمۇ پەلەستىنلىك-مۇسۇلمان ۋە ئەرەب-كانادالىق جامائىتىمىزنى ئىنسانلىق دائىرىسىدىن چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن قايتىدىن تىرىشماقتا».

دوكلاتتا بىر قاتار تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇلار: پەلەستىنگە قارشى ئىرقچىلىققا ئېنىقلىما بېرىش ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىش؛ نەپرەتكە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلەر ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك جاۋابكارلىق مېخانىزمىنى ئورنىتىش؛ مەكتەپلەر ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ كۈچىيىۋاتقان بۇ خىل تەھدىتلەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇۋاتقانلىقىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

دوكلاتتا يەنە مۇنداق دەپ خاتىرىلەندى: «بىز سۆھبەتتە بولغان تەشكىلاتلار ‹بۇ ھۆججەتلەشتۈرۈش تۈرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان جامائەتلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرىنىڭ پەقەت بىر قىسمىنىلا ئوتتۇرىغا قويدى، ئەمدى بۇنىڭدىن ھالقىپ، نۇرغۇن كىشى ‹پەلەستىن مۇستەسناسى› دەپ ئاتاۋاتقان بۇ ئەھۋالنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، چوقۇم ھەر تەرەپلىمە، پەنلەر ئارا ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئاساس قىلغان سىياسەتلەرنى ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى تۈزۈپ چىقىش كېرەك› دېگەننى تەكىتلىدى».

ئىزدىنىڭ
ئىستانبۇلدىكى غەززە مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئالىملار جىددىي ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتىنى تەكىتلىدى
ئاۋىستىرالىيەدە 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان مۇسۇلمانلارغا قارشى ۋەقەلەر شىددەت بىلەن كۆپىيىپ كەتتى
دالاي لامانىڭ ۋارىسى قانداق تاللىنىدۇ؟
ئامېرىكا «ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە ئۆلۈم» دەپ توۋلىغان رەپ گۇرۇپپىسىغا ۋىزا بەرمەسلىكى مۇمكىن
تۈركىيە رىمدا ئېچىلغان كۆرگەزمىدە مەدەنىيەت خەزىنىلىرىنى نامايان قىلماقتا
مۇسۇلمان ھاجىلار مۇزدەلىفەگە يۈرۈش قىلدى، شەيتانغا تاش ئاتتى
ئەردوغان قۇربان ھېيتى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى تارقاتتى
سەئۇدى ئەرەبىستان غايەت زور ھەج پائالىيىتى بىلەن تەڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى
لىۋىيەلىك ھاجى نامزاتىنىڭ ئايروپىلانغا چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنمىدى،  ئايروپىلان ئىككى قېتىم بۇزۇلدى
تۈركىيە ئېتنوسپورت فېستىۋالى ئىسرائىلىيە غەززەدە قەتلى قىلغان بالىلارنى ئۇنتۇپ قالمىدى
TRT World «ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىنغان ئامېرىكىلىقلار» تېلېۋىزىيە تىياتىرى بىلەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمىنى تەبرىكلىدى
مىكروسوفت 22 يىللىق مۇلازىمەت تارىخىغا ئىگە Skype نى تاقاشنى قارار قىلدى
ترامپ «يېڭى پاپا نامزاتى» چاقچىقىدىن كېيىن، سۈنئىي ئەقىل لايىھەلىگەن ھەجۋى رەسىمنى ھەمبەھرىلىدى
ترامپ ئىككى بايرامنى «غەلىبە كۈنى» دەپ ئۆزگەرتمەكچى
تېكنوفېست مۇدىرىيەت رەئىسى بايراقتار: ئىلغار تېخنولوگىيە ۋە سۈنئىي ئەقىل يېڭى دۇنيانىڭ ئاچقۇچى