تۈركىيە 11 – ئايدا سۈرىيەگە ترانسىپورت مۇلازىمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرىدۇ
سۈرىيە ۋە تۈركىيە دائىرىلىرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە رايونلۇق ئالاقىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ترانسىپورت كېلىشىملىرىگە ئىمزا قويدى.
ۋىزا رەسمىيەتلەرنى ئاسانلاشتۇردى ۋە پورتلار بىلەن چېگرا سىستېمىلىرىنى زامانىۋىيلاشتۇردى.
سۈرىيە قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز پورتلىرى باش ئىدارىسىنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەتلەر ئىشلىرى مۇدىرى مازىن ئاللۇش، تۈركىيە بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ئېغىزلىرىدا ھەمكارلىشىش ۋە بىر گەۋدىلىشىشنىڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ترانسىپورت كېلىشىمىنىڭ مۇشۇ ئايدا تولۇق يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاللۇش سەيشەنبە كۈنى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:
«تۈركىيە دائىرىلىرى بىلەن دېگۈدەك ھەر ھەپتە كۆرۈشۈۋاتىمىز. بىر مەسىلە ئوتتۇرىغا چىققاندا، ئۆزئارا ئالاقە قىلىمىز ۋە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە مەسىلىنى ھەل قىلىمىز.»
ئەنقەرەنىڭ «دەمەشق ئازاد قىلىنغاندىن بۇيان» دەمەشقكە بەرگەن ياردىمى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن ئاللۇش، سودا، قاتناش ۋە چېگرا باشقۇرۇش ساھەلىرىدە ھەمكارلىق ۋە ماسلىشىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.
8 – ئايدا ئىستانبۇلدا ئىمزالانغان ترانسىپورت كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش خىزمىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى قەيت قىلغان ئاللۇش، يۈك توشۇش ئۈچۈن يۈك يۆتكەش سىستېمىسىنىڭ 11 – ئايدا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سۈرىيەلىك شوپۇرلارنىڭ ۋىزىسىنىڭ ھەلەبتىكى تۈركىيە كونسۇلخانىسى تەرىپىدىن 10 كۈن ئىچىدە بېرىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ئاللۇش، تۈركىيەلىك شوپۇرلارنىڭمۇ ۋىزىسىنى بىۋاسىتە چېگرا ئېغىزلىرىدا ئالالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ، قوش دۆلەت تەۋەلىكى سالاھىيىتىگە ئىگە سۈرىيەلىكلەرنىڭ سۈرىيە نومۇر تاختىسى بار ئاپتوموبىللار بىلەن تۈركىيەگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىش توغرىسىدا دەسلەپكى قارار چىقارغانلىقىنى ۋە بۇ قارارنىڭ يېقىندا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سۈرىيە قاتناش فىلوتىنىڭ ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئاللۇش، نىشاننىڭ سۈرىيەلىك شوپۇرلارنىڭ تۈركىيە ئارقىلىق قۇرۇقلۇقتىن قايتىدىن رۇسىيە، گىرۇزىيە، ئۇكرائىنا، ياۋروپا ۋە پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە بارالىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە، تۈركىيەلىك قېرىنداشلىرىنىڭ سۈرىيەگە قولىدىن كېلىدىغان ياردەمنى داۋاملىق بېرىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.
يېقىنقى كۈنلەردە دەمەشق خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېڭى رادار سىستېمىلىرىنىڭ ئورنىتىلغانلىقىنى ۋە ئايروپىلانلارنىڭ كېچىدە قونۇشى ۋە قوزغىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئاللۇش، ئىنسانىي ياردەم يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ تۈركىيە ئارقىلىق توسالغۇسىز ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلىدى، ھەمدە ئەنقەرەنىڭ بۇ مەسىلىدە مۇھىم قولايلىقلارنى يارىتىپ بەرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.
پورتلاردا ھازىرغىچە 110 مىڭ كونتېينېر بىر تەرەپ قىلىندى.
سۈرىيەنىڭ 2024 – يىلى 12 – ئاينىڭ 8 – كۈنى بەئىس ھاكىمىيىتىدىن قۇتقۇزۇلغاندىن بۇيانقى خىزمەتلەر ھەققىدە توختالغان ئاللۇش، بارلىق قۇرۇقلۇق چېگرا ئېغىزلىرى ۋە پورتلارنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ، نەسىب (ئىيوردانىيە) ۋە يېڭىدىن ئېچىلغان تىياس (لىۋان) چېگرا ئېغىزلىرى شۇنداقلا لازقىيە ۋە تارتۇس پورتلىرىنىڭ قايتا پائالىيەت باشلىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئاللۇش يەنە، بۇ ئۆتۈش ئېغىزلىرىدىكى ئۇل ئەسلىھە ۋە ئېلېكتىرونلۇق سىستېمىلارنىڭ يېڭىلانغانلىقىنى ۋە 3 مىليون توننىدىن ئارتۇق يېقىلغۇ ئىمپورت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھازىرغىچە لازقىيە پورتىغا جەمئىي 333 پاراخوت كىرىپ – چىقتى، تارتۇس پورتىغا بولسا 700 دىن ئارتۇق پاراخوت كىرىپ – چىقتى؛ 12 – ئاينىڭ 8 – كۈنىدىن بۇيان جەمئىي 110 مىڭ كونتېينېر پورتلاردا بىر تەرەپ قىلىندى.
ئاساسلىق ئېكسپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ فوسفات ۋە جانلىق ھايۋان ئىكەنلىكىنى، باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ بولسا چەكلىك مىقداردا ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئاللۇش، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ مالىيە دوكلاتىدا ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئىمپورت مەسىلىسىدە ھەرقانداق توسالغۇ يوقلۇقىنى، بارلىق قانۇنلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ دۆلەتكە بىملال كىرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پورتلاردا چىرىكلىك ۋە ئەتكەسچىلىككە قارشى كۈرەش
ئىلگىرىكى ھاكىمىيەت دەۋرىدە پورتلاردا چىرىكلىك، پارىخورلۇق ۋە ئەتكەسچىلىكنىڭ كەڭ تارقالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئاللۇش، بۇنىڭ ئەمدى يوق قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا مۇلازىمەتلەرنىڭ تولۇق ھەقسىز ئىكەنلىكىنى ۋە دائىرىلەرگە سوۋغات ياكى پارا بېرىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
ئىلگىرىكى ھاكىمىيەت دەۋرىدە ئەتكەسچىلىكنىڭ بىر تەھدىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئاللۇش، نەسىب چېگرا ئېغىزىدىن باشلانغان زەھەرلىك چېكىملىك ئېقىمىنىڭ توسۇلغانلىقىنى ۋە بەشتىن ئارتۇق چوڭ زەھەرلىك چېكىملىكنى توشۇشنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
لىۋان چېگراسىدىن كېلىۋاتقان ئۇرۇنۇشلارنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئاللۇش، بارلىق چېگرا ئېغىزلىرىغا K9 زەھەرلىك چېكىملىك ئىتلار ئەترىتى ۋە ئىلغار تەكشۈرۈش سىستېمىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلگىرىكى ھاكىمىيەت دەۋرىدە ئىشلىمەيدىغان ياكى ھەتتا مەۋجۇت بولمىغان X نۇرى تەكشۈرۈش سىستېمىلىرىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇشنىڭ تېزلەشتۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئاللۇش، 20 يېڭى X نۇرى ئۈسكۈنىسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقىنى ۋە بارلىق چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ دۇنيا ئۆلچىمىگە يېتىدىغان تېخنىكىغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قۇرۇقلۇق ئارقىلىق تۈركىيەگە ئۆتىدىغان سۈرىيەلىكلەر مەسىلىسى توغرىلىقمۇ توختالغان ئاللۇش، ۋاقىتلىق قوغداش ئاستىدىكى سۈرىيەلىكلەر ئۈچۈن زىيارەت ئىجازەتلىرىنىڭ تۈركىيە تەرىپىدىن ۋاقىتلىق توختىتىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ مەسىلىدە داۋاملىق ئالاقە قىلىۋاتىمىز. بۇ ئىنسانىي بىر مەسىلە. ھەل قىلىش چارىسى تېپىش تىرىشچانلىقلىرى داۋام قىلماقتا» دېدى.
قوش دۆلەت تەۋەلىكى سالاھىيىتىگە ئىگە سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئاپتوموبىللىرىنى سۈرىيەگە ئېلىپ كىرىشى ئۈچۈن قىسمەن بىر چارىنىڭ قوللىنىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئاللۇش، يېڭى بەلگىلىمىگە ئاساسەن تۈركىيە ياكى باشقا بىر دۆلەتتە ئىككىنچى دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە ھەرقانداق سۈرىيەلىكنىڭ پاسپورتىنى ئىشلىتىپ ئاپتوموبىلىنى سۈرىيەگە ئېلىپ كىرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ، بىردىنبىر شەرتنىڭ سۈرىيە دۆلەت تەۋەلىكىنىڭ ئىسپاتلىنىشى ئىكەنلىكىنى ۋە مۇددىتى توشقان سۈرىيە پاسپورتىنىڭمۇ بۇ جەرياندا قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
چېگرا ئېغىزلىرىدا ئاپتوموبىل كىرىش تەرتىپىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئىلگىرى ئېلىنغان بىخەتەرلىك كاپالىتىنىڭ 50 دوللاردىن 15 دوللارغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئاللۇش، بۇ بەلگىلىمىنىڭ سۈرىيەلىكلەر ئۈچۈن چېگرا ئېغىزلىرىدىن ئۆتۈشنى ئاسانلاشتۇرۇش يولىدا تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«چېگرا ئېغىزلىرىمىز خەلقىمىز ئۈچۈن ئوچۇق. كونا چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ خارابىلىكلىرى ئۈستىدە زامانىۋى خەلقئارا ترانسىپورت كارىدورلىرىنى قۇرۇۋاتىمىز. كېلەر يىلى سۈرىيەنىڭ بارلىق چېگرالىرى ئۈسكۈنىلىرى تولۇق، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئاكتىپ ۋە ئۆلچەملىك ھالدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.»