خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
مادۇرو ئامېرىكا بىلەن چوڭقۇرلىشىۋاتقان جىددىيچىلىكلەر ئالدىدا «مۇتلەق ساداقەت» قەسىمى قىلدى
ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ئامېرىكانىڭ ھەربىي بېسىمىنى ئەيىبلىدى، «قۇللۇق تىنچلىقى» نى رەت قىلدى ۋە ۋاشىنگتوندىن كەلگەن تەھدىتلەر ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.
مادۇرو ئامېرىكا بىلەن چوڭقۇرلىشىۋاتقان جىددىيچىلىكلەر ئالدىدا «مۇتلەق ساداقەت» قەسىمى قىلدى
مادۇرو ئامېرىكا بىلەن چوڭقۇرلىشىۋاتقان جىددىيچىلىكلەر ئالدىدا «مۇتلەق ساداقەت» قەسىمى قىلدى / Reuters

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان جىددىيچىلىكلەر كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، ۋېنېزۇئېلا خەلقىگە «مۇتلەق ساداقەت» ۋەدىسى بەردى.

دۈشەنبە كۈنى پىرېزىدېنت سارىيى سىرتىدا، ھاكىمىيەتتىكى PSUV پارتىيەسىنىڭ پائالىيەتچىلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا سۆز قىلغان مادۇرو، ھۇگو چاۋېزنىڭ مىراسىغا سادىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى، ھەمدە ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«قوماندانىمىز چاۋېزنىڭ جەسىتى ئالدىدا قەسەم قىلغىنىمدەك بۈگۈنمۇ، بۇ گۈزەل ۋە قەھرىمانلىقلارغا تولغان تارىخنى قوغۋاداتقان ۋاقتىمىزدا سىزگە مۇتلەق ساداقەت قەسىمى قىلىمەن. ئىشىنىڭلاركى، سىلەرنى قەتئىي يېرىم يولدا تاشلاپ قويمايمەن.»

ۋاشىنگتون كاراكاسقا بېسىمنى كۈچەيتكەن بىر مەزگىلدە مادۇرو ئەنە شۇنداق قەسەم قىلدى.

ئامېرىكا سېنتەبىر ئېيىدىن بۇيان كارىب دېڭىزى ۋە شەرقىي تىنچ ئوكياندا گۇمانلىق زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلىدىغان پاراخوتلارغا كەم دېگەندە 21 قېتىم ھۇجۇم قىلدى؛ ھۇجۇملاردا كەم دېگەندە 83 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ترامپ يەنە ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ دائىرىسىنى قۇرۇقلۇققىچە كېڭەيتىش بىلەن تەھدىت قىلدى، ۋېنېزۇئېلا ھاۋا بوشلۇقىنىڭ «تاقىۋېتىلىشى كېرەكلىكى» نى ئاگاھلاندۇردى ۋە ۋاشىنگتون مادۇرونىڭمۇ چېتىشلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن   «Cartel de los Soles»  گۇرۇھىنى چەت ئەل تېررورلۇق تەشكىلاتى ئېلان قىلدى.

مادۇرو بولسا جىنايى پائالىيەتلەر بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى رەت قىلماقتا.

«<قۇللۇق تىنچلىقى> نى ئەمەس، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق تىنچلىقىنى خالايمىز»

كاراكاستا ئۆتكۈزۈلگەن باشقا بىر يىغىلىشتا مادۇرو، ۋېنېزۇئېلانىڭ «ئىگىلىك ھوقۇق، ھوقۇقتا باراۋەرلىك ۋە ئەركىنلىك» ئىچىدە تىنچلىقنى خالايدىغانلىقىنى، ئۆزى «قۇللۇق تىنچلىقى» دەپ تەرىپلىگەن نەرسىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مادۇرو دۆلىتىنىڭ «پىسخولوگىيەلىك تېررور دەپ تەرىپلەشكە بولىدىغان 22 ھەپتىلىك ھۇجۇمغا» ئۇچرىغانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ رايونغا دېڭىز كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇۋېتىشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«بىز تىنچلىقنى خالايمىز؛ دەرۋەقە بىز ئىگىلىك ھوقۇق، ھوقۇقتا باراۋەرلىك، ئەركىنلىك ئىچىدىكى بىر تىنچلىقنى خالايمىز. قۇللۇق تىنچلىقىنىمۇ، مۇستەملىكە تىنچلىقىنىمۇ خالىمايمىز. ۋېنېزۇئېلا خەلقى ۋەتەن سۆيگۈسىنى نامايان قىلدى.»

ترامپ يەكشەنبە كۈنى، تەپسىلات بەرمەستىن، قىسقا ۋاقىت بۇرۇن مادۇرو بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتتى.

مادۇرو بولسا ترامپ بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۈشەنبە كۈنى كاراكاستا يۈزلىگەن ھۆكۈمەت قوللىغۇچىسى ئامېرىكانىڭ تەھدىتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلدى.

نامايىشچىلار گۇرۇھىنىڭ رەھبىرى نارسيسو توررېئالبا: «بىز ئەركىن بىر دۆلەت، ئۇرۇشنى خالىمايمىز، تىنچلىقنى خالايمىز» دېدى.

ئىزدىنىڭ
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى
ئامېرىكا قايتىدىن ئىرانغا قارشى «B-1» بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىشكە باشلىدى
تېھراندا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدا تېز تارقالغان ئورمان ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن يۈزلىگەن كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گىرېتسىيەدە ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىق سەۋەبىدىن ئوچۇق ھاۋا مەيدانلىرىدا خىزمەت قىلىش چەكلەندى
رۇسىيە: «ئودېسسا پورتىغا ۋە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە يۈك توشۇيدىغان پاراخوتلارغا ئەجەللىك زەربە بەردۇق»
جەنۇبىي كورېيە ئېمبارگوغا خىلاپلىق قىلغان بىر يۈك پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى