خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي ۋە ئامېرىكا تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش مەسىلىسىدە كېلىشتى
خىتاي ۋە ئامېرىكا تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش مەسىلىسىدە كېلىشتى، بېيجىڭ ئايروپىلان سېتىۋالىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.
خىتاي ۋە ئامېرىكا تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش مەسىلىسىدە كېلىشتى
خىتاي ۋە ئامېرىكا تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش مەسىلىسىدە كېلىشتى

ترامپ خىتاينىڭ 200 دانە بوئىن (Boeing) ئايروپىلانىدىن باشقا يەنە جېنېرال ئېلېكترىك (General Electric) موتورلىرىنى سېتىۋېلىشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى باياناتچىسى، بېيجىڭنىڭ واشىنگتوندىن ئايروپىلان سېتىۋالىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، خىتاي ۋە ئامېرىكانىڭ ئىككى تەرەپكە چېتىشلىق بولغان «تەڭ كۆلەمدىكى» مەھسۇلاتلارنىڭ تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش مەسىلىسىدە كېلىشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

بۇ بايانات، ئامېرىكا پېرىزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ جۈمە كۈنى خىتايغا قىلغان ئۈچ كۈنلۈك رەسمىي زىيارىتىنى تاماملىشىنىڭ ئارقىسىدىن ئېلان قىلىندى.

باياناتچى، بېيجىڭ ۋە واشىنگتوننىڭ تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش، مەبلەغ سېلىش ۋە ئىككى تەرەپلىك سودا قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن بىر سودا كېڭىشى قۇرۇش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتچى: «ئىككى تەرەپ سودا كېڭىشى ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنىڭ تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ ۋە ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىلىق بولغان تەڭ كۆلەمدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ بېجىنى تۆۋەنلىتىش مەسىلىسىدە پىرىنسىپ جەھەتتىن كېلىشىدۇ» دېدى. ئەمما باياناتتا قايسى مەھسۇلاتلارنىڭ تاموژنا بېجى تۆۋەنلىتىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىدى.

باياناتچى يەنە، ئىككى تەرەپنىڭ خىتاينىڭ ئامېرىكادىن ئايروپىلان سېتىۋېلىشى يۈزىسىدىن ۋە واشىنگتوننىڭ بېيجىڭنى ئايروپىلان موتورلىرى ھەم زاپچاسلىرى بىلەن تەمىنلىشى خۇسۇسىدا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى ھاسىل قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىسىدە قوشۇلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ترامپ خىتاينىڭ 200 دانە بوئىن ئايروپىلانىدىن باشقا يەنە جېنېرال ئېلېكترىك موتورلىرىنى سېتىۋېلىشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، ئىككى تەرەپنىڭ يەنە بەلگىلىك دائىرىدىكى مەھسۇلاتلاردا ئۆز-ئارا تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق بەلگىلىمىلەر ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆز-ئارا سودىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇش مەسىلىسىدە كېلىشكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. تەرەپلەرنىڭ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىكى بەزى تاموژنا سىرتىدىكى توسالغۇلار ۋە بازارغا كىرىش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەيدىغانلىقى ياكى بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىدا مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا تەرەپ خىتاينىڭ سۈت ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاپتوماتىك تۇتۇپ قېلىنىشى، تەشتەكلىك مەنزىرە دەرىخى (بونسائى) ئېكسپورتى ۋە شەندۇڭدىكى قۇش زۇكامىدىن خالىي رايوننىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى قاتارلىق ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئەندىشىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن «ئاكتىپ» تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.

باياناتتا: «خىتايمۇ ئامېرىكانىڭ كالا گۆشى كارخانىلىرىنىڭ تىزىمغا ئېلىنىشى ۋە بەزى ئىشتاتلاردىن خىتايغا قۇش گۆشى ئېكسپورت قىلىنىشى مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىدۇ» دېيىلدى.

ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد ۋە سودا گۇرۇپپىلىرى، ترامپ بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىسىدىكى باشلىقلار ئۇچرىشىشىدىن بۇرۇن، 13-ماي كۈنى جەنۇبىي كورېيەنىڭ پايتەختى سېئۇلدا بىر يەرگە جەم بولغان ئىدى.

واشىنگتونغا جايلاشقان پېتېرسون خەلقئارا ئىقتىساد ئىنستىتۇتىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئامېرىكانىڭ خىتاي ئېكسپورتىغا قويغان ئوتتۇرىچە تاموژنا بېجى ھازىر %47.5 سەۋىيەسىدە بولۇپ، پۈتكۈل مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خىتاينىڭ ئامېرىكا ئېكسپورتىغا قويغان ئوتتۇرىچە تاموژنا بېجى بولسا %31.9 سەۋىيەسىدە بولۇپ، ئۇمۇ پۈتكۈل مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئامېرىكا تاموژنا بېجىنىڭ، ئىككىنچى نۆۋەتلىك ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ 2025-يىلى 20-يانۋاردا ۋەزىپىگە باشلىشىدىن بۇيان 26.8 پىرسەنت ئۆرلىگەنلىكى، خىتاي تاموژنا بېجىنىڭمۇ ئوخشاش مەزگىلدە 10.7 پىرسەنت ئۆرلىگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Trump departs China after Xi talks, hails 'strong relationship' as leaders tout progress on ties
ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە «مۇكەممەل بىر ئىنقىلاب ياراتماقتا»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنىنى تەبرىكلىدى
پاكىستان: 6 دىن كۆپ دۆلەت مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمىگە قاتنىشىشقا قىزىقماقتا
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئىران ئۇرۇشى پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن كامپ داۋىدتا يىغىن چاقىردى
خالۇق گۆرگۈن: دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ كۈچى ياشلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىدۇر
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنى» نى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان  قىلدى
ترامپ: ئىران مەسىلىسى ھەل قىلىنسا نېفىت باھاسى تۆۋەنلەيدۇ
رۇسىيە كىيېۋدىكى يەنە بىر كۆۋرۈكنى بومباردىمان قىلدى، قاتناش پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى
ترامپ تۈركىيەگە قارىتىلغان CAATSA ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلىشقا ئىجابىي پوزىتسىيەدە بولدى
بېلگىيەدە بومبا تەھدىتى سەۋەبىدىن 1700 ئوقۇغۇچى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گۈلەر: كاۋكاز رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيەدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئېبولا يۇقۇمىدا ئۆلگەنلەر سانى 3982 گە يەتتى
مېكسىكادا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇمدا مۇئاۋىن مۇدىر قازا قىلدى
تۈركىيە ئېفىيوپىيە ساقچىلىرىنى تور جىنايەتلىرىگە قارشى تۇرۇش بويىچە تەربىيەلىدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۈلەر ئەزەربەيجانلىق ۋە گىرۇزىيەلىك مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى