مەدەنىيەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئوسمان ھامدى ئەپەندىنىڭ ماي بوياق رەسىمى لوندوندا 1 مىليون ستېرلىڭغا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلدى
1881-يىلى ئىشلەنگەن «قەھۋە تەييارلاش» ناملىق نادىر ئەسەر، ئوسمانلى سەنئىتىنىڭ خەلقئارا سەھنىسىدىكى تارىخىي بىر دەقىقىسىنى نامايان قىلىپ، ئەڭ قىممەتلىك ئەسەر سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى.
ئوسمان ھامدى ئەپەندىنىڭ ماي بوياق  رەسىمى لوندوندا 1 مىليون ستېرلىڭغا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلدى
/ TRT World

19-ئەسىر ئوسمانلى رەسسامى ئوسمان ھامدى ئەپەندى (بەي) يېقىندا قايتا بايقالغان بىر پارچە ماي بوياق رەسىمى، لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن كىمئارتۇق پائالىيىتىدە 1 مىليون ستېرلىڭغا سېتىلىپ، كوللېكسىيە يىغقۇچىلار ۋە مۇئەسسەسەلەرنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىدى.

1881-يىلى ئىشلەنگەن «قەھۋە تەييارلاش» ناملىق بۇ ئەسەر، بىر ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ياۋروپادىكى خۇسۇسىي كوللېكسىيەلەردە ساقلانغاندىن كېيىن قايتا ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ ئەسەر، شۇ دەۋردىكى مەشھۇر فوتوگرافلار ژان پاسكال سەباھ ۋە پولىكارپ جوئىللىئېر  تەرىپىدىن تارتىلغان ئاق-قارا بىر فوتوسۈرەت ئارقىلىق مەلۇم ئىدى.

بۇ ئەسەر، 50 پارچە ئەسەر قويۇلغان كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش جەريانىدا ئەڭ يۇقىرى قىممەتكە ئېرىشكەن ئەسەر بولدى. مەزكۇر ماي بوياق رەسىم، سەيشەنبە كۈنى تېلېفون ئارقىلىق باھا تەكلىپى سۇنغان ئىسمى ئاشكارىلانمىغان بىر خېرىدار تەرىپىدىن سېتىۋېلىندى.

ئەسەر، دەسلەپتە 1910-يىللار ئەتراپىدا گىرۇزىيەلىك سەنئەت ئەسەرلىرى يىغقۇچىسى شاھزادە سادىق يادىگاروۋ تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان. كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى ئارچىلغا مىراس قالغان ۋە 1930-يىللاردا ئارچىلنىڭ توي مۇناسىۋىتى بىلەن تۇغقان بولۇپ قالغان ۋېنالىق بىر خۇسۇسىي كوللېكسىيە يىغقۇچىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. ئەسەر 2008-يىلىغىچە بۇ ئائىلىدە ساقلانغان.

شەرقشۇناسلىق سەنئىتى

شۇ ۋاقىتتىن ئېتىبارەن باشقا بىر ئاۋسترىيەلىك خۇسۇسىي كوللېكسىيەدە ساقلىنىۋاتقان بۇ ماي بوياق يېقىندا قايتا ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ ئەسەردە، ئىستانبۇلدىكى توپقاپى سارىيىدىكى خىيالىي بىر ھەرەمخانا بىناسىنى ئەسلىتىدىغان، مول كاھىشلار بىلەن بېزەلگەن تۈۋرۈكلۈك بىر ئىچكى مەنزىرە ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىككى ياش ئايالنىڭ مۇراسىملىق قەھۋە تەييارلاش پائالىيىتى تەسۋىرلەنگەن.

ماي بوياق رەسىمدىكى ماكان تەسەۋۋۇرىي بولسىمۇ، سوتبيېس كىمئارتۇق سودىسى كاتالوگىدا تەسۋىرلەنگىنىدەك، «ھەشەمەتلىك ۋە گۆھەردەك تەسىرات بېرىدىغان»، ئىنچىكە تەپسىلاتلارغا پەۋقۇلئاددە ئەھمىيەت بېرىلىپ ئىشلەنگەن.

ئوسمانلىنىڭ تونۇلغان بىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ئوسمان ھامدى ئەپەندى، 1860-يىللارنىڭ باشلىرىدا قانۇن كەسپىدە ئوقۇش ئۈچۈن پارىژغا ئەۋەتىلگەن، ئەمما ئۇ يەردە رەسساملىق ۋە ئارخېئولوگىيەگە يۈزلەنگەن.

غەرب سەنئەت تېخنىكىلىرىنى قوللىنىپ شەرققە خاس تېمىلارنى سىزغان ئوسمان ھامدى ئەپەندى، پەقەت 19-ئەسىردە كۈچىيىۋاتقان شەرق سەنئەت بازىرىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇپلا قالماي، شۇنداقلا ئىسلام مەدەنىيىتىگە بولغان چوڭقۇر چۈشەنچىسى بىلەن ئوسمانلى تۇرمۇشىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگەن.

 

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان نىيۇيوركتىكى تۈرك ئۆيىگە يېتىپ بارغاندا ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى
تېھران - ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارالىق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ۋە مۇرەسسەچىلىك داۋاملاشماقتا
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى