خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: تۈركىيە سۈرىيەنى قايتا قۇرۇشتىكى «ھالقىلىق شېرىك»
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى پاكىستاندىكى رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا تۈركىيەنى سۈرىيەنى قايتا قۇرۇشتىكى «ھالقىلىق شېرىك» دەپ تەرىپلىدى ۋە سۈرىيەنىڭ يېڭى بىر ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمىگە قوشۇلۇش مەسىلىسى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: تۈركىيە سۈرىيەنى قايتا قۇرۇشتىكى «ھالقىلىق شېرىك»
ئىران بىلەن بولۇشى مۇمكىن بولغان ئالاقىلەر توغرىسىدا، ئەل شەيبانى تېھراننىڭ ئالدى بىلەن سۈرىيە خەلقىگە قىلغانلىرىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. / AA

سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەسەد ھەسەن شەيبانى پاكىستانغا قىلغان رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا پەيشەنبە كۈنى يەرلىك تاراتقۇلارغا بايانات بېرىپ، تۈركىيەنى سۈرىيەنى قايتا قۇرۇشتىكى «ھالقىلىق شېرىك» دەپ تەرىپلىدى. ئۇ يەنە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى 1000 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان چېگرا لىنىيەسى ۋە تارىخىي رىشتىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان تەرىپىدىن ئىمزالانغان «مەككە ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى» ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن شەيبانى، سۈرىيەنىڭ بۇ مۇداپىئە ئىتتىپاقىغا قوشۇلۇش–قوشۇلماسلىق توغرىسىدا تېخى بىر قارارغا كەلمىگەنلىكىنى، نۆۋەتتە بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى ۋە كېيىنچە رەسمىي قارار چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىران بىلەن بولغان ھەرقانداق ئۇچرىشىش ئېھتىماللىقى ھەققىدە توختالغان شەيبانى، بۇ دۆلەتنىڭ ھەممىدىن بۇرۇن سۈرىيە خەلقىگە قىلغان قىلمىشلىرىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت مۇساپىسىدە پاكىستاننىڭ ئوينىغان رولىغا يۇقىرى باھا بېرىش بىلەن بىرگە، ئىسلامئابادنىڭ نۆۋەتتە سۈرىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق مۇرەسسەچىلىك تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

ئۆزىنىڭ پاكىستان زىيارىتىنى «مۇۋەپپەقىيەتلىك» دەپ باھالىغان شەيبانىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، پاكىستان بىلەن سۈرىيە مىنىستىرلار دەرىجىلىك بىرلەشمە كومىتېتنى قايتا قۇرۇش، بىۋاسىتە نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سودا كېڭىشى قۇرۇش ۋە مەبلەغ سېلىش مۇنبىرى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئورتاق تونۇشقا كەلگەن.

شەيبانى ئىككى تەرەپنىڭ كۆزقاراشلىرىنىڭ بىردەك ئىكەنلىكىنى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، سۈرىيەنىڭ پاكىستاندىكى دىپلوماتىك ۋەكىللىك ئورگىنىنى باش ئەلچى سەۋىيەسىگە ئۆستۈرىدىغانلىقىنى سۆزىگە قوشتى.

ئىزدىنىڭ
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى
پولشادا ماشىنا ئادەملەر سۈنئىي ئەقىلگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بىر پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مىلادىچ ئۈچۈن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
سموترىچ ۋە بېن-گۋىر ئەنگلىيەگە جازا يۈرگۈزۈش ۋە باش ئەلچىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى
كانادا ئامېرىكا ماللىرىغا 20 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى قويدى
تۈركىيە ملادىچ ئۈچۈن ھەربىي دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
قاتار ئامېرىكا-ئىران كىرىزىسىنى «باسقۇچلۇق ھالدا ئاخىرلاشتۇرۇش» نى نىشان قىلماقتا
زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن قەدەم تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى
ھاماس ئىسرائىلىيەنى غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەلىللىرىنى يوشۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى