ئەرمېنىيە ئەنقەرە ۋە باكۇ بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
ئەرمېنىيە ئەنقەرە ۋە باكۇ بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدىئەرمېنىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى بەش يىللىق پىلانىدا ئەنقەرە ۋە باكۇ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش مۇھىم ئورۇنغا قويۇلدى.
ئەرمېنىيە ئەنقەرە ۋە باكۇ بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى

ئەرمېنىيە ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان يېڭى پىلاندا، ئەزەربەيجان بىلەن تىنچلىقنى مۇستەھكەملەش ۋە تۈركىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش نىشان قىلىندى.

ئەرمېنىيە ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان يېڭى بەش يىللىق پىلاندا، ئەزەربەيجان بىلەن تىنچلىقنى مۇستەھكەملەش، تۈركىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە چېگرالارنى ئېچىش مەسىلىلىرى ئورۇن ئالدى. ئارمېنپرېس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىيۇن ئېيىدىكى سايلامدا غەلىبە قىلغان نىكول پاشىنيان ھۆكۈمىتىنىڭ «ھەقىقىي ئەرمېنىيە» ئۇقۇمىغا ئاساسلانغان 2026-2031-يىللىق پىلانى ئاشكارىلاندى.

پىلاندا كۆزدە تۇتۇلغان مۇھىم تاشقى سىياسەت نىشانلىرى ئارىسىدا ئەزەربەيجان بىلەن تىنچلىقنى مۇستەھكەملەش، تۈركىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە رايون دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش قاتارلىق ماددىلار بار. تاشقى سىياسەت بۆلۈمىدە ئەرمېنىيەنىڭ «تەڭپۇڭ تاشقى سىياسەت» لىنىيەسىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا سىگنال بېرىلدى. گىرۇزىيە، ئىران، تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى ئەسكەرتىلگەن پىلاندا، باكۇ بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاش ۋە چېگرا بېكىتىش مۇساپىسىنى تاماملاشقا ئەھمىيەت بېرىلدى.

تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە نورماللىشىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش، چېگرانى ئېچىش ۋە «كەم دېگەندە 2 زامانىۋى چېگرا ئېغىزىنى» ئىشقا كىرىشتۈرۈش يۆنىلىشىدە خىزمەت ئىشلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئەنقەرە بىلەن ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تىرانسپورت، ئېنېرگىيە ۋە رەقەملىك ئۇل ئەسلىھە ساھەلىرىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش نىشان قىلىنماقتا.

نىكول پاشىنيان رەھبەرلىكىدىكى پۇقرالار كېلىشىمى پارتىيەسى، ئىيۇندىكى سايلامدا %49.74 ئاۋازغا ئېرىشىپ، پارلامېنتتا كۆپ سانلىق ئورنىنى ساقلاپ قالغان ۋە ھۆكۈمەت قۇرۇش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى
پولشادا ماشىنا ئادەملەر سۈنئىي ئەقىلگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بىر پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مىلادىچ ئۈچۈن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
سموترىچ ۋە بېن-گۋىر ئەنگلىيەگە جازا يۈرگۈزۈش ۋە باش ئەلچىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى
كانادا ئامېرىكا ماللىرىغا 20 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى قويدى
تۈركىيە ملادىچ ئۈچۈن ھەربىي دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
قاتار ئامېرىكا-ئىران كىرىزىسىنى «باسقۇچلۇق ھالدا ئاخىرلاشتۇرۇش» نى نىشان قىلماقتا
زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن قەدەم تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى
ھاماس ئىسرائىلىيەنى غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەلىللىرىنى يوشۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى