نىگېرىيەدىكى ئادەم بومبا ھۇجۇملىرىدا ئونلارچە كىشى ئۆلۈپ، 100 كىشى يارىلاندى
گۇمانلىق تېررورلۇق ھۇجۇملىرى بىر زامانلار مۇقىم دەپ قارالغان رايوننىڭ تىنچ مۇھىتىنى ۋەيران قىلدى.
نىگېرىيە ساقچى تەرەپ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئادەم بومبا ھۇجۇمچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان كۆپ قېتىملىق پارتلاشلارنىڭ نىگېرىيەنىڭ شىمالىي شەرقىدىكى مايدۇگۇرى شەھىرىنى زىلزىلىگە سالغانلىقىنى، ئاز دېگەندە 23 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە 100 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ساقچى باياناتچىسى ناھۇم كېننېت داسو باياناتىدا: «دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەر ۋەقەلەرنىڭ ئادەم بومبا ھۇجۇمچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئەپسۇسكى، جەمئىي 23 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 108 كىشى يارىلاندى» دېدى.
دۈشەنبە ئاخشىمى يۈز بەرگەن پارتلاشلار، دائىرىلەر تېررورچىلارنى جاۋابكار دەپ قارىغان يەكشەنبە كۈنى كېچىدىن دۈشەنبە ئەتىگىنىگىچە بىر ھەربىي پونكىتقا قىلىنغان ھۇجۇمدىن كېيىن يۈز بەردى.
بىر كۈن ئاۋۋالقى ھەربىي بازىغا قىلىنغان ھۇجۇم ۋە دېكابىر ئېيىدىكى مەسچىت بومباردىمانى بىلەن بىرلەشكەندە، بۇ ھۇجۇملار نىگېرىيەدە ئۇزۇن مەزگىلدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان ئىسياننىڭ يېزا رايونلىرىغا يۆتكىلىشى بىلەن بىراز بولسىمۇ تىنچ بىر ماكانغا ئايلانغان شەھەردىكى ختىرجەم مۇھىتنى ۋەيران قىلدى.
ھۇجۇملار كۈچەيمەكتە
تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام ۋە ئۇنىڭ رەقىبى بولغان يەنە بىر تەشكىلات غەربىي ئافرىقادىكى دائېش (ISWAP) ئەزالىرى يېقىنقى مەزگىلدە نىگېرىيەنىڭ شىمالىي شەرقىدە ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتمەكتە.
دۆلەتتە 16 يىلدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى 40 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە ۋە تەخمىنەن ئىككى مىليون ئادەمنىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولدى.
دۈشەنبە ئاخشىمى بىر شەھەرلىك دوختۇرخانىدا تۇرۇۋاتقان AFP مۇخبىرى، دۈشەنبە كۈنىدىكى پارتلاشلاردا يارىلانغان ئونلىغان كىشىنىڭ داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ۋە يول بويلىرىدا ئاق رەختلەر بىلەن يېپىلغان نۇرغۇن جەسەتلەرنى كۆرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
ساقچى تەرەپ سەيشەنبە ئەتىگەندە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «تەسىرگە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ نورمال ھالەتكە قايتقانلىقىنى» ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ «تېخىمۇ كۆپ ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مايدۇگۇرى ۋە ئەتراپىدا مەۋجۇتلۇقىنى ھەم كۆزىتىشىنى كۈچەيتكەنلىكىنى» ئېيتتى.