سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ئامېرىكادىكى پاناھلىق ئىلتىماسلىرىنىڭ «ئۇزۇن بىر مەزگىل» توختىتىپ تۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى
ترامپ: «بىزنىڭ يېتەرلىك مەسىلىمىز بار. بۇ ئىنسانلارنى خالىمايمىز» دېدى.
ترامپ ئامېرىكادىكى پاناھلىق ئىلتىماسلىرىنىڭ «ئۇزۇن بىر مەزگىل» توختىتىپ تۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى
ترامپ ئامېرىكادىكى پاناھلىق ئىلتىماسلىرىنىڭ «ئۇزۇن بىر مەزگىل» توختىتىپ تۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى / AP

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاقساراي ئەتراپىدا ئافغانىستان پۇقراسىنىڭ قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، ھۆكۈمىتىنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسلىرىنى «ئۇزۇن بىر مەزگىل» توختىتىپ تۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

يەكشەنبە كۈنى فلورىدادىكى مارالاگو داچىسىدا مىننەتدارلىق بايرىمىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ۋاشىنگتونغا كېتىۋېتىپ «ھاۋا ئارمىيەسى بىرىنچى نومۇرلۇق ئايروپىلان» دا مۇخبىرلارغا سۆز قىلغان ترامپ: «مېنىڭچە ئۇزۇن بىر مەزگىل داۋاملىشىدۇ، چۈنكى بىزنىڭ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن مەسىلىمىز بار. بۇ ئىنسانلارنى خالىمايمىز» دېدى.

توختىتىپ تۇرۇشنىڭ بىر - ئىككى يىل داۋاملىشىدىغان - داۋاملاشمايدىغانلىقى سورالغاندا، پىرېزىدېنت ترامپ: «ۋاقىت چېكى يوق، لېكىن ئۇزۇن بىر مەزگىل داۋاملىشىشى مۇمكىن» دەپ جاۋاب بەردى.

ترامپ بۇ سىياسەتنىڭ ئۆزى «جىنايەت كۆپ سادىر قىلىنىدىغان» ۋە «بىزگە دوست بولمىغان» دەپ تەسۋىرلىگەن دۆلەت پۇقرالىرىغا قارىتىلغانلىقىنى ئېيتىش بىلەن بىرگە، بەزى دۆلەتلەرنىڭ «ئۆز ئىچىدە كونتروللۇقتىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى» سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى. ترامپ باياناتىدا سومالىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ: «بەزىلەر تېخى دۆلىتىمىزگە كېلىپ بىزگە دۆلەتنى قانداق باشقۇرۇشنى ئۆگىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ» دېدى.

مۇتەخەسسىسلەر پىرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق سومالىدا تۇغۇلغان دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئىلھان ئۆمەرنى كۆزدە تۇتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 26 - نويابىردىكى ھۇجۇمدا، مىللىي قوغدىنىش ئەترىتى ئەزاسى 20 ياشلىق ساراھ بەكستروم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 24 ياشلىق يەنە بىر مىللىي قوغدىنىش ئەترىتى ئەزاسى ئاندېرىۋ ۋولف ئېغىر يارىلانغانىدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغان ئافغانىستان پۇقراسى رەھمەتۇللاھ لاكانۋال 2021 - يىلى ئامېرىكا ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن بۇ دۆلەتكە كىرگەن بولۇپ، ئىلگىرى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA)  نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك ئورگانلىرىدا ئىشلىگەن.

مۇتەخەسسىسلەر لاكانۋالغا 2025 - يىلى ئاپرېلدا، يەنى ترامپ ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە پاناھلىق ھوقۇقى بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بىراق ترامپقا يېقىن ئەمەلدارلار، لاكانۋالنىڭ ترامپنىڭ سابىق رەقىبى جو بايدىن دەۋرىدە بۇ دۆلەتكە قوبۇل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق تەدبىرلەردىن خالىي تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى تەنقىد قىلماقتا.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز