ئەزەربەيجاندا بىر فىرانسىيە پۇقراسى «جاسۇسلۇق» جىنايىتى بىلەن 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

باكۇدىكى بىر سوت مەھكىمىسى، ھەربىي ھەمكارلىق ۋە ئىستىخبارات پائالىيەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغان فىرانسىيە پۇقراسىغا قاماق جازاسى بەردى.

By
ئەزەربەيجاندا بىر فىرانسىيە پۇقراسى «جاسۇسلۇق» جىنايىتى بىلەن 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى / Reuters

رۇسىيە دۆلەتلىك ئاخبارات ئاگېنتلىقى رىئا (RIA) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەزەربەيجاندىكى بىر سوت مەھكىمىسى دۈشەنبە كۈنى پارىژ ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغانلىقى سەۋەبلىك فىرانسىيە پۇقراسى مارتىن رىيانغا 10 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن.

2023-يىلى دېكابىردا قولغا ئېلىنغان رىياننىڭ، ئەزەربەيجاننىڭ تۈركىيە ۋە پاكىستان بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەمكارلىقىغا ئائىت مەخپىي ئۇچۇرلارنى توپلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

باكۇ يەنە، رىياننىڭ فىرانسىيە ئىستىخباراتى بىلەن ھەمكارلىشىش ئۈچۈن فىرانسۇز تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئەزەربەيجان پۇقرالىرىنى ئۆزىگە تارتىشقا (جاسۇسلۇققا سېلىشقا) ئۇرۇنغانلىقىنى دەۋا قىلدى.

رىيان ئۆزىگە قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنى قىسمەن ئېتىراپ قىلدى.

مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تېلېفوندا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئەلىيېۋنىڭ ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، سۆھبەتتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش ۋە ھەمكارلىق پۇرسەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.

ئەلىيېۋ ئۆكتەبىر ئېيىدا كوپېنھاگېندا ماكرون بىلەن كۆرۈشۈشكەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى «ئۆتمۈشتىكى چۈشىنىشمەسلىكلەرنىڭ ھەل قىلىنغانلىقى» نى ئېيتقان ئىدى.