غەززە ئۇرۇشى
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، غەززەدە تۆت پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
نۇسەيرات لاگېرىدىكى بىر ساقچى ئاپتوموبىلىغا قىلىنغان ھۇجۇمدىن كېيىن، ئەل-ئاۋدا تېببىي مەركىزى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن يارىدارلارنىڭ بالنېستقا ئېلىنغانلىقى بىلدرلۈدى.
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، غەززەدە تۆت پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، غەززەدە تۆت پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى / AA

سەھىيە دائىرىلىرى، غەززەنىڭ شىمالىدا بىر كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇمدىن بىر نەچچە سائەت كېيىن، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى نۇسەيرات لاگېرىدا بىر ساقچى ئاپتوموبىلىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمى نەتىجىسىدە تۆت پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ۋاپا (Wafa) خەۋەر ئاگېنتلىقى ئەل-ئاۋدا تېببىي مەركىزىنى مەنبە كۆرسىتىپ تۇرۇپ يەكشەنبە كۈنى، ھۇجۇمدا ئاپتوموبىل بىۋاسىتە زەربىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن قۇربانلارنىڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

تېببىي خادىملار ھۇجۇمدا يەنە 10 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەكشەنبە كۈنى غەززەنىڭ شىمالىدىكى شەيخ رادۋان مەھەللىسىگە قىلىنغان باشقا بىر ھاۋا ھۇجۇمىدا بىر كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى ھەر ئىككى ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى

2025-يىلى ئۆكتەبىردە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيەنىڭ يۈزلىگەن قېتىم كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلغانلىقى، كەم دېگەندە 680 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، 1800 دىن ئارتۇق كىشىنى يارىلىغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.

قىرغىنچىلىق باشلانغان 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان، ئىسرائىلىيەنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە كىچىك بالىلاردىن تەركىب تاپقان 72 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە 171 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى يارىلىغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.

ئىسرائىلىيە بۇ ھۇجۇملار بىلەن رايوننىڭ كۆپ قىسمىنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋەتتى ھەمدە ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىدى.

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار