خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
فرانسىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىر بەن-گۋىرنىڭ فرانسىيە زېمىنىغا كىرىشىنى چەكلىدى
فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ژان-نوئېل بارروت: «فرانسىيە پۇقرالىرىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىشىنى، بېسىمغا دۇچار بولۇشىنى ۋە زورلۇق-زۇمبۇلۇققا دۇچ كېلىشىنى ئەسلا قوبۇل قىلالمايمىز» دېدى.
فرانسىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىر بەن-گۋىرنىڭ فرانسىيە زېمىنىغا كىرىشىنى چەكلىدى
فرانسىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىر بەن-گۋىرنىڭ فرانسىيە زېمىنىغا كىرىشىنى چەكلىدى

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىدىن ئېلىنغان خەۋەرگە قارىغاندا، فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ژان-نوئېل بارروت، ئىسرائىلىيەنىڭ «يەر شارى سەمۇد» ياردەم ئەترىتى ئاكتىپلىرىغا قاراتقان قوپال مۇئامىلىسى تۈپەيلىدىن، ئىسرائىلىيەنىڭ ئەشەددىي ئوڭچىل مىللىي بىخەتەرلىك مىنىستىرى ئىتامار بەن-گۋىرنىڭ فرانسىيە زېمىنىغا كىرىشىنىڭ پۈتۈنلەي چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بارروت ئامېرىكا مەركەزلىك X ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدىكى ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بۈگۈندىن باشلاپ ئىتامار بەن-گۋىرنىڭ فرانسىيە زېمىنىغا كىرىشى چەكلەندى. بۇ قارار، يەر شارى سەمۇد  ياردەم ئەترىتىنىڭ فرانسىيە ۋە ياۋروپا پۇقرالىرىغا قاراتقان قوبۇل قىلىنغۇسىز قىلمىشلىرىدىن كېيىن چىقىرىلدى.»

ئىسرائىلىيەنىڭ «يەر شارى سەمۇد» ياردەم ئەترىتى ئاكتىپلىرىغا قاراتقان قوپال مۇئامىلىسىنى ئىشارەت قىلغان بارروت: «بۇلار، پەلەستىنلىكلەرگە قارىتىلغان ئۆچمەنلىك ۋە زوراۋانلىقنى ئەۋج ئالدۇردى، كىشىنى چۆچۈتىدىغان ئۇزۇن بىر بايانات ۋە قىلمىشلار تىزىملىكىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

بارروت، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىنمۇ بەن-گۋىرغا قارىتا ئېمبارگو قارارلىرىنى چىقىرىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

«يەر شارى سەمۇد»  ياردەم ئەترىتىنىڭ «پايدىسىز» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بارروت: «شۇنداق بولسىمۇ، فرانسىيە پۇقرالىرىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىشىنى، بېسىمغا دۇچار بولۇشىنى ۋە زورلۇق-زۇمبۇلۇققا دۇچ كېلىشىنى ئەسلا قوبۇل قىلالمايمىز، بولۇپمۇ بىر دۆلەت مەسئۇلى تەرىپىدىن قىلىنغان بولسا» دېدى.

بەن-گۋىر ھەمبەھىرلىگەن كۆرۈنۈشلەر

بەن-گۋىر، ئامېرىكا مەركەزلىك X شىركىتىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدىكى ھېسابىدىن ئېلان قىلغان بىر ئۇچۇرىدا، ئاكتىپلار تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئاشدود پورتىدا ئىسرائىلىيە ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ئاكتىپلارغا قوپال مۇئامىلە قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

كۆرۈنۈشلەردە، بەن-گۋىر ئۆتۈۋاتقان چاغدا بىر ئايال ئاكتىپنىڭ «ئەركىن پەلەستىن» دەپ توۋلىغانلىقى، ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ بولسا ئايالغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىپ، ئۇنى يەرگە يىقىتقانلىقى كۆرۈنگەن ئىدى. دەل شۇ چاغدا ئەشەددىي ئوڭچىل بەن-گۋىرنىڭ: «دەل مۇشۇنداق قىلىش كېرەك» دېگەن ئاۋازى ئاڭلانغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە كەڭ دائىرىلىك جازا يۈرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا
دەسلەپكى نەتىجىلەرگە قارىغاندا، پۇتىننىڭ پارتىيەسى پارلامېنت سايلىمىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن
ئەردوغان نىيۇيوركتىكى تۈرك ئۆيىگە يېتىپ بارغاندا ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى