سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ خىتايغا قاراتقان تاموژنا بېجىنى ئۇزارتىش پەرمانىنى ئىمزالىدى
خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ئامېرىكادىن ئىمپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارغا قويۇلغان تاموژنا بېجىنى 90 كۈن توڭلاتتى، ئەمما ھازىرقى %10 لىك نىسبەتنى ساقلاپ قالىدۇ.
ترامپ خىتايغا قاراتقان تاموژنا بېجىنى ئۇزارتىش پەرمانىنى ئىمزالىدى
ترامپ ئالتۇن ئىمپورتىدىن قوشۇمچە باج ئېلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى. سۈرەت: بىرلەشمە ئاگېنتلىقى. / AP

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ دۈشەنبە كۈنى (11-ئىيۇل) خىتايغا قارىتا يۈرگۈزۈلگەن تاموژنا بېجىنىڭ يەنە 90 كۈن توختىتىلىشىنى كۆزدە تۇتقان بىر پەرماننى ئىمزالىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ترامپ دۈشەنبە كۈنى«ھەقىقىي مېديا» (Truth Social) دا بۇ ھەقتە ئۇچۇر ھەمبەھرلەپ: «كېلىشىمنىڭ باشقا بارلىق ئامىللىرى ئۆزگەرمەيدۇ. بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىڭىزگە رەھمەت!» دېدى.

بۇ پەرمانغا ئاساسەن، ئامېرىكا خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارغا قويۇلغان ئۆستۈرۈلگەن تاموژنا بېجىنى توختىتىپ تۇرۇشنى 11-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە ئۇزارتىدۇ.

بۇ مەزگىلدە، %10 لىك ئۆزئارا تاموژنا بېجى داۋاملىق ئىجرا قىلىنىدۇ.

بۇ بايانات «ۋال كوچىسى» گېزىتى (Wall Street Journal) ۋە  س ن ب س (CNBC) تېلېۋىزىيەسىنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ترامپنىڭ پەرماننى ئىمزالىغانلىقىنى خەۋەر قىلىشىدىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقىمۇ ئامېرىكا ماللىرىغا قويۇلغان تاموژنا بېجىنى 90 كۈنلۈك توختىتىپ تۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا قويۇلغان %10 لىك تاموژنا بېجىنىڭ ساقلىنىدىغانلىقى ۋە ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرى دۇچ كەلگەن باج سىرتىدىكى توسالغۇلارنىڭ ھەل قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - US to maintain tariffs on China as Trump declares trade deal 'done'

نازۇك سودا سۈلھىسى

 

گەرچە ئىككى دۆلەت ماي ئېيى (2025) دا جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىدىن كېيىن جىددىيلىكنى پەسەيتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يۇمشاش مۇساپىسى مۇقىمسىز داۋاملاشماقتا.

ئىيۇن ئېيى (2025) دا، ئىقتىساد ساھەسىدىكى مۇھىم ئەمەلدارلار لوندوندا بىر يەرگە جەم بولدى. كۆرۈشۈشتە كېلىشىمگە ئەمەل قىلىنمىغانلىقى توغرىسىدا ئىختىلاپلار كېلىپ چىقتى. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەيىبلىدى. سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر ئۆتكەن ئايدا ستوكھولمدا قايتا كۆرۈشتى.

ئامېرىكا سودا ۋەكىلى جەمىسون گرېر (Jamieson Greer) ئۆتكەن ئايدا، ھەرقانداق ئۇزارتىش مەسىلىسىدە ئەڭ ئاخىرقى گەپنى ترامپنىڭ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ترامپ يەكشەنبە (10-ئىيۇل) كېچىسى ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ھەمبەھىرلىگەن يازمىسىدا، خىتاينىڭ «پۇرچاق زاكاسلىرىنى تېزلىكتە تۆت ھەسسە ئاشۇرۇشى» نىئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، بۇنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا تەڭپۇڭلۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ بىر يولى بولىدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.

سودا سۈلھىسىنىڭ ئۇزارتىلىشى ھازىرچە، بۇ يىل خىتاي ماللىرىغا يۈرگۈزۈلگەن ئامېرىكا تاموژنا بېجىنىڭ %30 سەۋىيەسىدە قېلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.

جىددىيلىكنى پەسەيتىش كېلىشىمى دائىرىسىدە، بېيجىڭنىڭ ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا يۈرگۈزگەن جاۋاب قايتۇرۇش باج نىسبىتى %10 سەۋىيەسىدە قالدى.

يانۋار (2025) دا ۋەزىپىگە قايتىپ كەلگەن ترامپ، ۋاشىنگتوننىڭ ئادالەتسىز دەپ قارىغان سودا قىلمىشلىرىغا جاۋابەن بارلىق سودا ھەمراھلىرىغا دېگۈدەك %10 «ئوخشاش دەرىجىدىكى» تاموژنا بېجىنى يۈرگۈزۈشكە باشلىدى.

ئۆتكەن پەيشەنبە (7-ئىيۇل) كۈنى بۇ نىسبەت ئونلىغان دۆلەت ئۈچۈن ئوخشىمىغان سەۋىيەدە ئۆستۈرۈلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە قاتارلىق ئامېرىكانىڭ چوڭ سودا ھەمراھلىرى نۇرغۇن مەھسۇلاتلاردا %15 باجغا دۇچ كەلگەن بولسا، سۈرىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەردە بۇ نىسبەت %41 گىچە يەتتى.

يولغا قويۇلغان «ئوخشاش دەرىجىدىكى» باجلار، پولات ۋە ئاليۇمىنغا ئوخشاش ئاللىقاچان نىشان قىلىنغان ساھەلەر بىلەن، دورا ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ قاتارلىق تەكشۈرۈش ئاستىدىكى مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

ئالتۇن ئىمپورتىنىڭمۇ بۇ باجلاردىن كەچۈرۈم قىلىنىشى كۈتۈلگەنىدى، ئەمما ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا تاموژنا ئەمەلدارلىرىنىڭ باياناتى بەزى نوكچە ئالتۇنلارنىڭ نىشانغا ئېلىنىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدىكى ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلغان ئىدى.

ترامپ دۈشەنبە (11-ئىيۇل) كۈنى قىلغان سۆزىدە ئالتۇن ئىمپورتىدىن قوشۇمچە باج ئېلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى يەنە، بىرازىلىيە بىەن ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە قارىتا ئالاھىدە تەدبىرلەرنى قوللاندى. بىرازىلىيەدە سابىق پىرېزىدېنت جاير بولسونارونىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشنى پىلان قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلىنىشى سەۋەبىدىن يۈرگۈزۈلگەن جازالار داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ھىندىستاننىڭ رۇسىيە نېفىتىنى سېتىۋېلىشىمۇ يېڭى باج تەدبىرلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

كانادا بىلەن مېكسىكا بولسا ئوخشىمىغان باج تەدبىرلىرى دائىرىسىدە كۆزدىن كەچۈرۈلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ئىراق باش مىنىستىرى زەيدى تۈركىيەگە كېلىدۇ
مەدەنىيەت مىنىستىرى ئەرسوي ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بارراكنى قوبۇل قىلدى
خاقان فىدان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى
سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالىم تۈركىيەگە كېلىدۇ
ئىران ئۇكرائىنانىڭ ھازار دېڭىزىدا ئىرانغا ئائىت بىر سودا پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا 763 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ سېلىشنى پىلانلىماقتا
بېرلىندا ئامما ئارىسىغا بىر ئاپتوموبىل بېسىپ كىردى. 1 كىشى ئۆلۈپ، 10 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى
ترامپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قېيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئىرانغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەتنى ۋاقىتلىق توختاتتى
ئىران، بەھرەيىن، ئىيوردانىيە ۋە كۇۋەيتتىكى ئامېرىكا ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەردى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەتتە كىشى قازا قىلدى
رومىنىيە ئىككى كۈن ئىچىدە رۇسىيەنىڭ ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
تۈركىيە تۆت پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ «قىرغىنچىلىق سىياسىتى» نى ئەيىبلىدى
ترامپ ئىراننىڭ مۇزاكىرىلەردە ئەمدى تېخىمۇ ئەستايىدىل بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
ب د ت باش كاتىپى ئارىدىن 17 يىل ئۆتكەندىن كېيىن دەمەشقتا زىيارەتتە بولماقتا
ياۋروپا ئىتتىپاقى: «پۇتىن ۋاقىت ئۇتۇشقا ئۇرۇنماقتا»