خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى خىزمىتىگە قاتنىشىشقا يېشىل چىراغ ياقتى
كىرېمىل سارىيى باياناتچىسى پېسكوۋ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى پائالىيەتلىرىگە رۇسىيەنىڭمۇ ئەزا سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلىشىنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
رۇسىيە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى خىزمىتىگە قاتنىشىشقا يېشىل چىراغ ياقتى
پۇتىن

ۇسىيە پىرېزىدېنت مەھكىمىسى، يەنى كىرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ دۆلىتىنىڭ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ خىزمەتلىرىگە قاتنىشىشىنىڭ مەنتىقىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومەرت توقايېۋنىڭ رۇسىيەنىڭمۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولۇشى يۆنىلىشىدە قەدەملەر تاشلىنىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى پىكرىگە باھا بەرگەن پېسكوۋ، رۇسىيەنىڭ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ خىزمەتلىرىدىن ئورۇن ئېلىشىنىڭ ئەقىلگە سىغىدىغان بىر قەدەم بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

رۇسىيەدە تۈرك تىپىدىكى نۇرغۇن مىللەتلەر ياشايدىغان كۆپلىگەن رايونلارنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن پېسكوۋ: «رۇسىيەنىڭ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى خىزمەتلىرىگە قاتنىشىشى ناھايىتى توغرا بولىدۇ. بۇ يەردە رۇسىيەنىڭ بەلگىلىك رايونلىرىنىڭ ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن رۇسىيەنىڭ قاتنىشىشى كۆزدە تۇتۇلماقتا» دېدى.

پېسكوۋ مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك تېخىچە رەسمىي بىر تەكلىپنامە تاپشۇرۇۋالمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ مەسىلىنىڭ قازاقىستان بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتلەردە كۈنتەرتىپكە كېلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
روسىيە ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن كىيېۋ ۋە دىنىپروپېتروۋسك رايونلىرىدا تەخمىنەن 280 مىڭ ئائىلە توكسىز قالدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈش پىلانىمىز يوق»
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي غەززەدە 3 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
مىنىستىر فىدان: «خەلقئارالىق تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ ئورنىتىلىشىغا ھەسسە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز»
تۈسەب (TÜSEB) ئەزىز سانجار ئىلىم-پەن، خىزمەت ۋە ئىلھاملاندۇرۇش مۇكاپاتلىرى تارقىتىلدى
ئوكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي ئىستانبۇلدا ئۇچرىشىشلاردا بولماقتا
ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى بەردىمۇھەممەدوۋغا پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بەردى
تۈركىيە فەرىدۇن سىنىرلىئوغلۇنى ب د ت باش كاتىپلىقىغا نامزات كۆرسەتتى
فىدان ئامېرىكادا ماركو رۇبىيو بىلەن كۆرۈشۈپ، تۈرلۈك دىپلوماتىك سۆھبەتلەردە بولدى
زېلېنسكىي: تۈركىيەدە مۇھىم سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ
ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ئىرانغا قارشى «ئۈزلۈكسىز ئۇرۇش» ئېھتىماللىقىنى رەت قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەگە 10 ھەربىي يۈك ئايروپىلانى ئەۋەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى
رۇسىيە ئۇكرائىناغا تەۋە 1214 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ كېچىچە رۇسىيەنى نىشان قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى
رۇسىيەنىڭ پويىز ئىستانسىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 14 كىشى قازا قىلدى
كىرىپتو پۇل سۇپىسى بىنەنسە (Binance) چوڭ بىر تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى