خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىراق ئەربىلدىكى ھۇجۇملاردىن كېيىن ئىراندىن ئېنىق ۋە رەسمىي پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلدى
ئىراق، ئەربىلدىكى مۇھىم نۇقتىلارغا قىلىنغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئىراندىن ئېنىق ۋە رەسمىي پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. ئىران بۇ ھەقتە رەسمىي بايانات ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىراق ئەربىلدىكى ھۇجۇملاردىن كېيىن ئىراندىن ئېنىق ۋە رەسمىي پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلدى
بارزانى ھۇجۇمنى ئەيىبلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى

ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فۇئاد ھۈسەيىن ھۇجۇملاردىن كېيىن ئىرانلىق مەنسەپدىشى ئابباس ئاراقچى بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشكەن.

باياناتتا، ھۈسەيىننىڭ: «ئىلگىرىكى ھۇجۇملار ئىران تەرىپىدىن رايوندا ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى سەۋەب قىلىپ ئاقلانغان ئىدى» دېگەنلىكى، ئەمما بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىۋاسىتە نىشان قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ھۈسەيىن: «بۇ ئەھۋال جىددىيلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، رايوننىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت سالىدىغان خەتەرلىك بىر ۋەزىيەتنى پەيدا قىلىدۇ» دېگەن.

ئۇ ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ، تېھران ھۆكۈمىتىدىن ھۇجۇم، ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى تەرەپلەر ۋە ھۇجۇمنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدىكى پوزىتسىيەسىنى رەسمىي بايانات ئارقىلىق ئايدىڭلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى بولسا، سۆھبەتتە ئىراننىڭ «جىددىيلىكنى كۈچەيتىدىغان ۋە مۇقىملىقنى بۇزىدىغان ھەر قانداق قەدەمنى رەت قىلىدىغانلىقى»نى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە ئىراننىڭ بۇ ۋەقەگە بولغان مەيدانىنى ئايدىڭلاشتۇرىدىغان رەسمىي بايانات ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئىراق كۇرد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قىسمى ئېلان قىلغان يازما باياناتتا، تۈنۈگۈن شۇ جاي ۋاقتى  سائەت 00:28 دە «ئىران تەرەپتىن» بومبا قاچىلانغان ئىككى دانە «Hadid-110» تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ئەربىلنىڭ سالاھىددىن رايونىدىكى باش مىنىستىرنىڭ خۇسۇسىي ئىشخانىسى ۋە ئىستىخبارات ئورگىنى مۇدىرى تۇرۇۋاتقان جايغا ھۇجۇم قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى كۆرۈلمىگەن.

ئىراق كۇرد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى مەسرۇر بارزانىمۇ X ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ ھۇجۇمنى رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا قارىتىلغان بىۋاسىتە تەھدىت دەپ باھالاپ، قاتتىق ئەيىبلىگەن.

ئىزدىنىڭ
كاللاس ئىسرائىلىيە كۆچمەن رايونلىرى بىلەن تىجارەت قىلىشنى مەنئى قىلىشنى قوللىدى
ترامپ جۇمھۇرىيەتچىلەرگە تولۇقلىما سايلامدا ئاۋاز بەرمىسە «دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
ترامپ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى»نىڭ 25 يىللىقىنى پېنتاگوندا خاتىرىلەيدۇ
پولشا باش مىنىستىرى تاسك: ئۇكرائىنا-پولشا چېگرا ئېغىزىغا قىلىنغان تەھدىتنىڭ ئالدى ئېلىندى
مىنىستىر تەكىن: نىشانىمىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىدا ئالدىنقى قاتارغا تىزىلىش
84 كىشى يوقاپ كەتكەن فىلىپپىن يولۇچىلار پاراخوتىغا قۇتقۇزۇش خادىملىرى كىردى
تۈركىيە - ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى
تۈركىيە سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە دۇنياۋى مەركەزگە ئايلىنىش ئۈچۈن زور مەبلەغ سېلىشنى نىشان قىلماقتا
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
ئۇكرائىنا رۇسىيە زېمىنىدا ئۇرۇش تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك ھۇجۇمنى ئېلىپ باردى
رۇسىيە: ئەنگلىيەلىك دىپلوماتلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلىغان «ئۇكرائىنا جاسۇسى» قولغا ئېلىندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا پەلەستىنلىك بىر ئائىلىدىن تۆت كىشى شېھىت بولدى
گېرمانىيە رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەستايىدىل ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى
ترامپنىڭ مەسلىھەتچىلىرى: «ئىرانغا قارشى ئۇرۇش يىللارچە داۋاملىشىشى مۇمكىن» دېدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك توشۇغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كېمىگە ھۇجۇم قىلدى