سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
شى جىنپىڭ: خىتاي شىمالىي كورېيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە تەييار
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شىمالىي كورېيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن كىم جوڭئۇنغا يوللىغان تەبرىك تېلېگراممىسىدا، پيوڭياڭ بىلەن «ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىش»كە ۋەدە بەردى.
شى جىنپىڭ: خىتاي شىمالىي كورېيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە تەييار
2025-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدا شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جون ئۇن بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە. / Reuters

خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شىمالىي كورېيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇنغا يوللىغان تەبرىك تېلېگراممىسىدا، خىتاينىڭ شىمالىي كورېيە بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

رەسمىي شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شى جىنپىڭنىڭ تېلېگراممىسىدا خىتاينىڭ شىمالىي كورېيە بىلەن رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ھەمدە تەرەققىياتى ئۈچۈن زىچ ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. شى جىنپىڭ خىتاي بىلەن كورېيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى (ك د خ ج) ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىشكە، قويۇق ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

شى جىنپىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ «سوتسىيالىستىك ئىشلىرى» نى تەكىتلەپ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ھەمدە تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر

كورېيە يېرىم ئارىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ ياپونىيە ئىشغالىيىتىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، شىمالدا كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت قۇرۇلدى. 1948-يىلى 8-ئايدا يېڭى ئالىي خەلق مەجلىسى سايلىنىپ، 3-سېنتەبىردە يېڭى ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىندى.

كورېيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى 1948-يىلى 9-سېنتەبىر رەسمىي ئېلان قىلىنغان بولۇپ، كىم ئىل سۇڭ تۇنجى باش مىنىستىر بولۇپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى.

بۇ يىل ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 76 يىللىقىنى تەبرىكلىمەكتە.

كىم جوڭئۇن ئۆتكەن ھەپتە مەخسۇس پويىز بىلەن بېيجىڭغا بېرىپ، شى جىنپىڭ ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ چوڭ تىپتىكى ھەربىي پاراتىغا قاتناشتى. كىم جوڭئۇن خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي پاراتىدىن بىر كۈن كېيىن، بېيجىڭدا شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىدا، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشقا ۋەدە بەردى.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز