خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئافىنادا، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ ئىككى ئىشخانىسىغا ھۇجۇم قىلىندى
پارتىيە تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «سىياسىي زوراۋانلىق ۋە قورقۇتۇش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى» بىلدۈرۈلدى.
گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئافىنادا، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ ئىككى ئىشخانىسىغا ھۇجۇم قىلىندى
گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئافىنادا، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ ئىككى ئىشخانىسىغا ھۇجۇم قىلىندى

گىرېتسىيەدە، ھاكىمىيەت بېشىدىكى «يېڭى دېموكراتىيە پارتىيەسى» نىڭ پايتەخت ئافىنادىكى ئىككى ئايرىم ئىشخانىسىغا ھۇجۇم قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

گىرېتسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەردە، 27-سېنتەبىر ئافىنانىڭ كىپسېلى مەھەللىسىدىكى يېڭى دېموكراتىيە پارتىيەسى تەشكىلاتى ئىشخانىسىنىڭ كىملىكى ئېنىقلانمىغان كىشىلەر تەرىپىدىن نىشانغا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

ھۇجۇمچىلارنىڭ ئىشخانىنىڭ دېرىزىلىرىنى چاققانلىقى ۋە كىرىش ئېغىزىغا سىر چاچقانلىقى مەلۇم قىلىندى.

خەۋەرلەردە، شۇ كۈنى كەچ سائەتلەردە بولسا يېڭى دېموكراتىيە پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى ۋە سابىق مىنىستىرلاردىن ئاندرېئاس لوۋېردوسنىڭ ئافىنانىڭ دافنى مەھەللىسىدىكى ئىشخانىسىغا سىر چېچىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

لوۋېردوس ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدىن ھۇجۇمغا ئالاقىدار سۈرەتلەرنى ھەمبەھىرلەپ: «ئۇلاردىن قورقمايمەن، قورقۇتۇشلىرىغا بويسۇنمايمەن» دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتتى.

يېڭى دېموكراتىيە پارتىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بولسا، سىياسىي زوراۋانلىق ۋە قورقۇتۇش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى تەكىتلىنىپ، باشقا سىياسىي پارتىيەلەرنىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھۇجۇملارنى ئەيىبلەشكە چاقىردى.

پارتىيەنىڭ باياناتىدا: «دېموكراتىيەمىزنى تېررورنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراتقىلى بولمايدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ