تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى دائىرىسىدە بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن «رايونلار ئارا خەۋپسىزلىك ۋە باغلىنىشچانلىق توغرىسىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق مىنىستىرلار يىغىنى» دىن كېيىن بايانات بەردى. يىغىننىڭ تېمىسى ۋە نەتىجىلىرى نۇقتىسىدىن ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن فىدان، باغلىنىشچانلىق مەسىلىلىرىدە پەقەت ئىستراتېگىيە تۈزۈپلا قالماي، ئۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كونكرېت قەدەملەرنى تاشلاشنىڭ مۇھىملىقى تەرەپكە دىققەت تارتتى.
فىدان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىرى بىلەن كاۋكاز ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ رايونلار ۋە ئۇنىڭ سىرتىدا باغلىنىشچانلىقنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە سودا، ئېنېرگىيە ۋە سانلىق مەلۇمات يۆتكەشنىڭ قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋە ئۈزۈلمەس بولالايدىغانلىقىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ھورمۇز بوغۇزى، بابۇلمەندەپ بوغۇزى ۋە قارا دېڭىزدا ئۇرۇش ۋە كىرىزىسلەر سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن توسۇلۇشلاردىن ساۋاق ئېلىش ئارقىلىق باغلىنىشچانلىقنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان فىدان، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا، قارا دېڭىز، كاۋكاز ۋە «ئوتتۇرا كارىدور» لىنىيەسىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۈچۈن ئورتاق بىر مەركەز سۈپىتىدە گەۋدىلەنگەنلىكىنى تەكىتلىدى. فىدان: «تۈركىيەنىڭ بۇ يەردىكى مەركىزىي رولى ئەلۋەتتە ھەممە تەرەپتىن ئېتىراپ قىلىنماقتا. بىزنىڭ بۇ رولغا مۇناسىپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئېلىپ ھەم ھەل قىلىش چارىلىرىنى تەكلىپ قىلىشىمىز ھەم ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك. بۈگۈنمۇ ئەمەلىيەتتە قىلغىنىمىز شۇ بولدى، بۇ يىغىن شۇڭا ناھايىتى جايىدا بىر يىغىن بولدى» دېدى.
يىغىن جەريانىدا ئۇكرائىنا، گېرمانىيە، لىتۋا، دانىيە، بۇلغارىيە، رۇمىنىيە ۋە مولدوۋا رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى ئورتاقلاشقان فىدان: «نۆۋەتتە قارا دېڭىزدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر سۆھبەت مۇساپىمىز بار. بولۇپمۇ ئاشلىقلارنى قانداق قىلىپ دۇنيا بازارلىرىغا قايتا چىقارغىلى بولىدۇ؟ بىز بۇنىڭ ئىزدىنىشى ئىچىدە. ھەم ئۇكرائىنا ھەم رۇسىيە تەرەپ بىلەن سۆزلىشىۋاتىمىز. ھەم ياۋروپالىق شېرىكلىرىمىز ھەم ئۇكرائىنالىق دوستلىرىمىز بىلەنمۇ بۇ مەسىلىنى ئازراق مۇزاكىرە قىلدۇق» دېگەن ئسۆزلەرنى ئىشلەتتى.
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەر
فىدان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە رۇسىيە، ئامېرىكا ۋە ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردىن كېيىن يېتىپ كېلىنگەن نۇقتىغا دائىر سوئالغىمۇ جاۋاب بەردى. تۈركىيەنىڭمۇ ئوخشاش شەكىلدىكى يىغىنلارغا بىر نەچچە قېتىم ساھىبخانلىق قىلغانلىقىنى ۋە تەرەپلەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن فىدان: «مەسىلىنىڭ جەۋھىرىنىڭ تېخى ھەل بولمىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئالدى بىلەن مۇناسىۋەتلىك جامائەتچىلىككە بۇنى بىلدۈرۈشنى بۇرچ دەپ بىلىمەن» دېدى.
فىدان رۇسىيەنىڭ دونباس رايونىنىڭ قالغان قىسمىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆز چېگرا تەبىرى ئىچىدە تۇتۇۋاتقانلىقىنى، ئۇكرائىنانىڭ بولسا ۋەتەن تۇپرىقى دەپ قارايدىغان بۇ رايوننى بېرىشنى خالىمايدىغانلىقىنى يەتكۈزۈپ، بۇ قىسىمنىڭ ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. «رۇسلارنىڭ تەبىرى بويىچە %11-12 لىك، ئۇكرائىنالىقلارغا قارىسىڭىز %18 لىك بىر رايون ھازىر ئارقىدا قالغان قىسىم. ھازىر بۇ يەردىن باشقا مەسىلىلەر ئازراق مۇنازىرە قىلىنىۋاتىدۇ» دېدى.
فىدان تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغان تەقدىردە رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىش لىنىيەسىنىڭ قەيەردە بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمىنىڭ دونباس مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. فىدان تەرەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتى كۈتۈشلىرىنىڭمۇ مۇھىم بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلىدىغان تىنچلىقنىڭ پەقەت ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكىلا ئەمەس، بەلكى ياۋروپا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى بىر تىنچلىق بولىدىغانلىقىنىمۇ تىلغا ئالغان فىدان، ياۋروپا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى بۇ يېڭى بىخەتەرلىك ۋە تىنچلىق قۇرۇلمىسىنىڭ ئوچۇق شەكىلدە مۇنازىرە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
فىدان سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «تەرەپلەر يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە بۇ مەسىلىدىكى كوزىرلىرىنى ئانچە ئېچىپ تاشلىمىغان ئىدى. مەلۇم نىيەتلەردە بولۇۋاتاتتى، ‹شۇنداق بولسۇن، بۇنداق بولسۇن› دەپ، ئەمما ھازىر ئەمدى ئاستا-ئاستا بۇ مەسىلىلەرنى كونكرېت شەكىلدە مۇنازىرە قىلىش ۋاقتى كەلدى. يېڭى ياۋروپا بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسى، رۇسىيە ۋە ياۋروپا توقۇنۇشىنى مەركەز قىلغان ۋە بۇ توقۇنۇشنى توختىتىشنى نىشان قىلغان يېڭى بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسى قانداق بولىدۇ؟»
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇ مەسىلىلەرگە يىللاردىن بۇيان يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەچكە مول تەجرىبىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە تۈركىيەنىڭ تەرەپلەرگە تەكلىپلەرنى سۇنغانلىقىنى تەكىتلىگەن فىدان: «ئاساسىي جەھەتتىن ئۇچرىشىش لىنىيەسىنى بەلگىلەش، دونباس مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ئۇنىڭدىن كېيىن بىخەتەرلىك كاپالەتلىرى ۋە ياۋروپا-رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى يېڭى بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسى، ئەلۋەتتە ئۇكرائىنا قايتا قەد كۆتۈرۈۋاتقاندا ئېمبارگولار قانداق بولىدۇ، رۇسلارنىڭ توڭلىتىلغان پۇللىرى قانداق بولىدۇ دېگەندەك بىر قاتار مەسىلىلەر بار» دېدى. فىدان ئۆزى تىلغا ئالغان مەسىلىلەرنىڭ نۆۋەتتە مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان كېلىشىمنىڭ مەزمۇنى ۋە ماددىلىرىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇلارنىڭ ھەممىسىدە تەرەپلەرنىڭ ھەممىسىنى رازى قىلىدىغان شەكىلدە كېلىشىش، ئۆزۈڭلارمۇ بىلگەندەك ئىنتايىن قىيىن بىر مەسىلە» دېدى.
قارا دېڭىزدا دېڭىز قاتنىشى بىخەتەرلىكى
بۇلار داۋاملىشىۋاتقاندا قارا دېڭىزدا دېڭىز قاتنىشى بىخەتەرلىكىنى قانداق كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ مۇھىم بىر مەسىلە ئىكەنلىكىگە دىققەت تارتقان فىدان، نامرات دۆلەتلەر ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان بۇغداينى قانداق قىلىپ بازارلارغا ئېلىپ چىقىش ئۈستىدە ئىشلەۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار بەزى تەكلىپلەرنى بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان مۇنۇلارنى قەيت قىلدى: «بۈگۈنمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇ تەكلىپلەرنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى تاماملىدۇق. چۈنكى بۇ ئازراق قارا دېڭىز بويىدىكى بۇلغارىيە ۋە رۇمىنىيەگىمۇ مۇناسىۋەتلىك. بۈگۈن ھەم بۇلغارىيە، رۇمىنىيە ھەم ئۇكرائىنالىق دوستلىرىمىز بىلەن بىر يەرگە جەم بولدۇق. يېقىنقى كۈنلەردە رۇسلار بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولغان ئىدۇق. ئىنشائاللاھ كاللىمىزدىكى فورمۇلا بىر نەتىجىگە ئېرىشىدۇ ۋە بۇنى ھەل قىلىمىز. بۇ قىيىن بىر تەڭلىمە، چۈنكى رۇسلار مەڭگۈلۈك تىنچلىق كېلىشىمى بولماي تۇرۇپ ئۇكرائىنالىقلار بىلەن قارا دېڭىزدا ۋاقىتلىق كېلىشىم تۈزۈشنى خالىمايدۇ. شۇڭلاشقا بۇنداق بىر خالىماسلىق مەۋجۇت بولغان جايدا، تەرەپلەر بىردەكلىك ھاسىل قىلالايدىغان بىر زېمىننى قانداق يارىتىسىز؟ بۇنىڭغا ئالاقىدار پىكىرلىرىمىز بار، ئەمما ھازىر جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشقا بالدۇر، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بىلەن ئورتاقلىشىۋاتىمىز. ئەتە-ئۆگۈن ئىنشائاللاھ ئەمەلگە ئېشىپ قالسا ئەلۋەتتە ئورتاقلىشىمىز.»























