خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ئىرانغا تېزلىكتە تىنچلىق ئورناتمىسا، تېخىمۇ كۆپ ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىراننى «ئوتتۇرا شەرقنىڭ زومىگەرى» دەپ ئاتاپ، تېھراننى «تىنچلىق ئورنىتىش» قا ياكى تېخىمۇ چوڭ ھۇجۇملارغا تەييار تۇرۇشقا ئاگاھلاندۇردى.
ترامپ ئىرانغا تېزلىكتە تىنچلىق ئورناتمىسا، تېخىمۇ كۆپ ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالدى
ترامپ ئىرانغا تېزلىكتە تىنچلىق ئورناتمىسا، تېخىمۇ كۆپ ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالدى / AP

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىراننى ھەر قانداق ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكانىڭ ئىراندا باشقا نىشانلارغا يۈزلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ترامپ يەنە ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنى «ۋەيران قىلغانلىقىنى» بىلدۈردى.

ترامپ يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئاقسارايدا پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىتىلغان نۇتۇقىدا: «يا تىنچلىق بولىدۇ ياكى ئىران ئۈچۈن ئۆتكەن سەككىز كۈندە كۆرگىنىمىزدىنمۇ زور تىراگېدىيە يۈز بېرىدۇ» دېدى.

ترامپ: «يېقىندا ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىران ھاكىمىيىتىنىڭ ئۈچ مۇھىم يادرو ئەسلىھەسى بولغان فوردو، ناتانز ۋە ئىسفاھانغا كەڭ كۆلەملىك، ئىنچىكە ھۇجۇملارنى قىلدى. بىز بۇ ئىسىملارنى يىللاردىن بۇيان ئاڭلاپ كېلىۋاتىمىز، چۈنكى ئۇلار بۇ قورقۇنچلۇق دەرىجىدىكى ۋەيران قىلغۇچى ئۇرۇنۇشنى بەرپا قىلىۋاتاتتى» دەپ قوشۇمچە قىلدى.

ترامپ: «مەقسىتىمىز، ئىراننىڭ يادرو بېيىتىش ئىقتىدارىنى يوقىتىش ۋە دۇنيادىكى بىرىنچى نومۇرلۇق تېرورلۇقنى قوللىغۇچى بۇ دۆلەت پەيدا قىلغان يادرو تەھدىتىنى توختىتىش ئىدى» دېدى.

ترامپ ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرىنى «ئاجايىپ ھەربىي مۇۋەپپەقىيەت» دەپ ئاتاپ: «ئىراننىڭ مۇھىم يادرو بېيىتىش ئەسلىھەلىرى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىندى» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئىراننى «ئوتتۇرا شەرقنىڭ زومىگەرى» دەپ ئاتاپ، تېھراننىڭ «ئەمدى تىنچلىق ئورنىتىشى كېرەكلىكىنى» بىلدۈردى.

ئۇ يەنە: «ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا، كەلگۈسىدىكى ھۇجۇملار تېخىمۇ چوڭ ۋە تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ» دەپ قوشۇمچە قىلدى.

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ