جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: دۆلىتىمىزنى ئەتراپىمىزدىكى توقۇنۇشلاردىن يىراق تۇتتۇق
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: دۆلىتىمىزنى ئەتراپىمىزدىكى توقۇنۇشلاردىن يىراق تۇتتۇقجۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنى رايوندىكى توقۇنۇشلاردىن يىراق تۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ھەمدە دۈشمەنلەرنىڭ ئويۇنلىرىغا بويۇن ئەگمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان

ئەردوغان: «ئەتراپىمىز ئۇرۇش ئوتى چەمبىرىكىگە ئايلىنىپ كەتتى»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «قالايمىقانچىلىق ۋە كىرىزىس مۇھىتىدا تۈركىيەنىڭ قىلىغىمۇ زىيان يەتمەسلىكى ئۈچۈن كېچىمىزنى كۈندۈزىمىزگە ئۇلاپ تىرىشىۋاتىمىز. خۇداغا شۈكۈر، ھازىرغىچە بۇنىڭدا مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇق» دېدى.

ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن كەنت مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىش يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كەنت مەسئۇللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

ئۇ بۇ يەردە سۆزلىگەن نۇتىقىدا: «رايونىمىزدا زوراۋانلىقى بارغانسېرى ئېشىۋاتقان بىر كىرىزىس بورىنى كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

«دەل شىمالىمىزدىكى رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا بىرنەچچە ئايدىن كېيىن تولۇق بەش يىل بولىدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى ئىمزالانغان كېلىشىملەرگە قارىماي ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتىدۇ. قوشنىمىز ئىراندىكى جىددىيچىلىك تېخى تولۇق ئاخىرلاشماستىن، بۇ قېتىم يەمەندە يېڭى بىر توقۇنۇشنىڭ پىلتىسىگە ئوت تۇتاشتۇرۇۋېتىلدى. ھۇسىيلار گۇرۇھىنىڭ دوستىمىز ۋە قېرىندىشىمىز سەئۇدى ئەرەبىستاننى نىشان قىلغان ھۇجۇملىرى رايونىمىزدىكى جىددىيچىلىكنىڭ تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى. ئۇلارنىڭ رىيادتىكى ئايرودۇرۇمغا قىلغان ھۇجۇمىدا ئۆمرە قىلغۇچىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مۇسۇلمان قېرىندىشىمىز ھاياتىدىن ئايرىلدى. يۈزلەرچە قېرىندىشىمىز يارىدار بولدى. لىۋانغا قارايدىغان بولساق، ئەپسۇسكى، ئۇ يەردىكى ئەھۋالمۇ ئادەمنىڭ كۆكلىنى غەش قىلىدۇ. سۈرىيەدىن ياخشى خەۋەرلەر كېلىۋاتىدۇ، لېكىن زىيونىست ئىسرائىلىيە ئۇ يەرنىمۇ قالايمىقان قىلىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىۋاتىدۇ. ئەتراپىمىز ئۇرۇش ئوتى چەمبىرىكى دەپ ئېيتىپ كېلىۋاتىمەنغۇ، ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ئەھۋالىمىز دەل مۇشۇنداق» دېدى.

ئەردوغان يەنە مۇنداق دېدى: «بىز دۆلىتىمىزنى ئەتراپىمىزدىكى توقۇنۇشلاردىن يىراق تۇتتۇق. قۇتراتقۇلۇقلارغا ئالدانمىدۇق، قىلتاقلارغا چۈشمىدۇق، ئىغۋاگەرچىلىكلەرگە قارىتا سەگەك بولدۇق. ئەقىللىق، سەۋرچان ۋە سوغۇققان بىر شەكىلدە بارلىق بۇ مۈشكۈل مۇساپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك باشقۇردۇق».

جۇمھۇر رەئىس سۆزىنى: «دۇنيانى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، رايونىمىزنى قان دېڭىزىغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق ئۆزلىرى ئۈچۈن پاراۋانلىق تۈزۈمى قۇرماقچى بولغانلارغا بويۇن ئەگمەيمىز. قاراڭغۇ ۋە مەينەت ئويۇنلارغا... بۇلارنىڭ ھەممىسىگە قارشى ناھايىتى دىققەت قىلىمىز. مۇسۇلمانلارنى بىر-بىرىگە قارشى كۈشكۈرتۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلارغا قارشى سەگەك بولىمىز. مىللىتىمىزنىڭ ئۈمىدىنى سۇندۇرۇشقا، كەيپىياتىنى بۇزۇشقا ۋە ئارىمىزغا نىپاق تاملىرىنى سېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلارغا قارشى ھەر ۋاقىت ھوشيار تۇرىمىز» دەپ ئاخىرلاشتۇردى.

ئىزدىنىڭ
ئاتاتۈركنىڭ «نۇتۇق» ناملىق ئەسىرىنىڭ 8 تىلدا ئالاھىدە نەشرى تەييارلاندى
بېلگىيەدىكى نامايىشلاردا تۇتقۇن قىلىنغانلار سانى 195 كە ئۆرلىدى
مىلانو شەھىرىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە 160 كىشى تۇتقۇن قىلىندى
تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى كەركۈكتە ئېھتىياجلىق يېتىملەرگە كىيىم-كېچەك ۋە ئوقۇش ئۈسكىنىلىرى ياردىمى قىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا يەنە 5 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇبىيو سەمەرقەنتتە ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەئىدوۋ بىلەن كۆرۈشتى
پاكىستان ئارمىيەسى: بەلۇجىستاندىكى ھەربىي ھەرىكەتلەردە 4 قوراللىق ئۇنسۇر بىر تەرەپ قىلىندى
تايلاندتىكى كەلكۈن ئاپىتىدە بىر ئايدا 80 كىشى قازا قىلدى
پەلەستىن ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچراۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن خەلقئارالىق قوغداش تەلەپ قىلدى
تۈركىيە كانادادىكى ھەربىي بازىدا يۈز بەرگەن پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن كانادا خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى
پۇتىن ترامپ ۋە شى جىنپىڭ بىلەن ئۈچ تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلدى
پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ھۇسىيلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىشكە چاقىردى
ترامپ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەدىكى دىزېل يېقىلغۇسىنى ئايرىش زاۋۇتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشىنى تەنقىد قىلدى
ئاراقچى: نېتانياھۇ تۈرمىگە كىرمەسلىك ئۈچۈن ئامېرىكانى ئۇرۇشقا سۆرەۋاتىدۇ
روسىيە بىلەن ئۇكرائىنا كېچىچە ئۆزئارا قايتۇرما ھۇجۇلارنى قىلدى