سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
پاشىنيان: ئەزەربەيجان بىلەن ھاسىل قىلىنغان تىنچلىق كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇشقا تەييارمەن
ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئۆتكەن ھەپتە كېلىشىم لايىھەسى ئۈستىدە چۈشىنىش ھاسىل قىلغان بولۇپ، بۇ ئون يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن توقۇنۇشقا خاتىمە بېرىش يولىدا تاشلانغان مۇھىم قەدەم دەپ قارالماقتا.
00:00
پاشىنيان: ئەزەربەيجان بىلەن ھاسىل قىلىنغان تىنچلىق كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇشقا تەييارمەن
ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نېكول پاشىنيان / TRT World

ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان دۆلىتىنىڭ قوشنىسى ئەزەربەيجان بىلەن ھاسىل قىلىنغان تىنچلىق كېلىشىمى لايىھەسىگە ئىمزا قويۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

پاشىنيان چارشەنبە كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجان تىنچلىق كېلىشىمى لايىھەسى ئۈستىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان بولۇپ، (ھەر ئىككى تەرەپ ئۇنىڭ) ئىمزالىنىشنى كۈتمەكتە. مەن كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان لايىھەگە ئىمزا قويۇشقا تەييار» دېدى.

پاشىنيان بۇ باياناتنى ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيەنىڭ ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى تىنچلىق كېلىشىمى لايىھەسى ئۈستىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى جاكارلىشىدىن كېيىن ئېلان قىلدى ؛ بۇ كېلىشىم ئون يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ۋە باكۇ بىلەن ئەرىۋان ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت قۇرۇشنى مەقسەت قىلماقتا.

ئىككى سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، 1991-يىلى ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ، خەلقئارا جەمئىيەت ئەزەربەيجاننىڭ بىر پارچىسى دەپ ئېتىراپ قىلىۋاتقان قاراباغ ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يەتتە رايوننى ئىشغال قىلىشى بىلەن كەسكىنلىشىپ كەتكەنىدى.

ئەزەربەيجان 2020-يىلى كۈزدىكى 44 كۈن داۋاملاشقان ئۇرۇش ئارقىلىق زېمىنلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى قايتۇرۇۋالغان. بۇ ئۇرۇش، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش ۋە چېگرا بەلگىلەش سۆھبەتلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە يول ئاچقان رۇسىيە ۋاسىتىچىلىكىدىكى تىنچلىق كېلىشىمى بىلەن ئاخىرلاشقانىدى.

2023 -يىلى سېنتەبىردە ئەزەربەيجان رايوندىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ تەسلىم بولۇشىدىن كېيىن قاراباغدا تولۇق ئىگىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەنىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Why Armenia must change its Constitution for permanent peace with Azerbaijan?

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە كەڭ دائىرىلىك جازا يۈرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا
دەسلەپكى نەتىجىلەرگە قارىغاندا، پۇتىننىڭ پارتىيەسى پارلامېنت سايلىمىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن
ئەردوغان نىيۇيوركتىكى تۈرك ئۆيىگە يېتىپ بارغاندا ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى