خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
روسىيە كىيېۋغا يېڭى «كەڭ كۆلەملىك» ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
موسكۋا كىيېۋغا قارىتىلغان ھۇجۇملار كۆپىيىۋاتقان بىر پەيتتە، ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پەرۋا قىلمىغانلارنىڭ «ئەجەللىك خەتەر» گە دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
روسىيە كىيېۋغا يېڭى «كەڭ كۆلەملىك» ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
روسىيە كىيېۋغا يېڭى «كەڭ كۆلەملىك» ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى / َAA

روسىيە شەنبە كۈنى دىپلوماتلار ۋە چەتئەل پۇقرالىرىنى كىيېۋدىن ئايرىلىشقا چاقىرىپ، ئۇكرائىنا پايتەختىگە قايتىدىن يېڭى بىر قېتىملىق «كەڭ كۆلەملىك» ھۇجۇملارنىڭ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

موسكۋا بىلەن كىيېۋ يېقىنقى مەزگىلدە ئۆزئارا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى نىشان قىلغان ھۇجۇملار كۆپەيدى.

روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىلگىرىمۇ كىيېۋدىكى چەتئەل پۇقرالىرى ۋە دىپلوماتلارنى شەھەردىن ئايرىلىشقا ۋە ئۇكرائىناغا سەپەر قىلماسلىققا چاقىرغانلىقىنى ئەسلەتتى.

مىنىستىرلىق: «بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلارغا كىشىلەرنىڭ پەرۋا قىلماسلىقىدىن ۋە بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ ئەجەللىك خەتەرگە ئىتتىرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتىمىز» دېگەن باياناتنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «روسىيە فېدېراتسىيەسى قوراللىق قىسىملىرى كەڭ كۆلەملىك ئۆچ ئېلىش ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېيىلدى.

روسىيە كېلىپ چىقىدىغان سەلبىي ئاقىۋەتلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پەرۋا قىلمىغانلارغا ئائىت بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

كىيېۋ شەھەر باشلىقى ۋىتالىي كلىچكو جۈمە كۈنى، كۆۋرۈكلەر ۋە ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇملار سەۋەبىدىن شەھەرنىڭ ئەمدىلىكتە ئۇرۇش شارائىتىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان ۋە روسىيەنىڭ ھۇجۇملار بىلەن «كىيېۋنى پارچىلىۋاتقانلىقىنى» بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بولسا، روسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننى پۇقرالار رايونلىرىنى نىشان قىلغان كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملارغا رۇخسەت قىلىش ئارقىلىق قوراللىق  ئۇرۇش قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى. كرېمىل بۇ ئەيىبلەشنى رەت قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Russia, Ukraine trade strikes, killing three in Kiev region, prompting Polish airspace measures
ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ