رۇسىيە مەركىزىي بانكاسى ياۋروپانىڭ پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈردى

رۇسىيە مەركىزىي بانكاسى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ توڭلىتىۋېتىلگەن مەبلەغلەرنى ئىشلىتىش پىلانىنى «قانۇنسىز» دەپ ئەيىبلىدى.

By
موسكۋا شەھىرىدىكى رۇسىيە مەركىزىي بانكاسىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى. 2025-يىلى 12-سېنتەبىر. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters

رۇسىيە مەركىزىي بانكاسى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىنانى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن توڭلىتىلغان رۇسىيە مەبلىغىنى كاپالەت قىلىپ قەرز بېرىش تەكلىپىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ ھەرىكەتنى ئىگىلىك ھوقۇقى دەخلىسىزلىكى ۋە خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ دەپ ئاتىدى.

رۇسىيە مەركىزىي بانكاسى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئېلان قىلغان، رۇسىيەنىڭ مەبلىغىنى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەلىرىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بانكا جۈمە (12-دېكابىر) كۈنى بۇ توغرىدا مۇنداق بايانات ئېلان قىلدى: «رۇسىيە مەركىزىي بانكاسىنىڭ مەبلىغىنى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ئىشلىتىش مېخانىزمى، شۇنداقلا رۇسىيە مەركىزىي بانكاسىنىڭ مەبلىغىنى رۇخسەتسىز ئىشلىتىشنىڭ باشقا ھەر قانداق شەكىللىرى قانۇنسىز بولۇپ، خەلقئارا قانۇنغا، جۈملىدىن مۈلۈك ئىگىلىك ھوقۇقى دەخلىسىزلىكى پىرىنسىپلىرىغا خىلاپتۇر.»

مەزكۇر بانكا ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ 3-دېكابىر ئېلان قىلغان، ئۇكرائىنانىڭ 2026- ۋە 2027-يىللىق مەبلەغ ئېھتىياجىنى قوللاش ئۈچۈن ئىككى خىل ھەل قىلىش لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان باياناتىنى تىلغا ئالدى.

بۇ لايىھەلەرنىڭ بىرىگە ئاساسەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رۇسىيە مەركىزىي بانكاسىنىڭ توڭلىتىۋېتىلگەن مەبلىغىنى ساقلاۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىدىن نەق پۇلدىن ئۇكرائىناغا تۆلەم قەرزى تارقىتالايدۇ.

توڭلىتىلغان مەبلەغنىڭ كۆپ قىسمى ساقلىنىۋاتقان بېلگىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پىلانىنى رەت قىلىپ، بۇ لايىھەنىڭ زور پۇل-مۇئامىلە ۋە قانۇنىي خەتەرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە ئەمەلدارلىرى توڭلىتىۋېتىلگەن مەبلەغلەرنى ئىشلىتىلىشىنىڭ «ئەڭ قاتتىق نارازىلىق» قا ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى.

رۇسىيە مەركىزىي بانكاسى بۇنداق پىلانلارنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا قارىتا، «دۆلەت سوت مەھكىمىلىرىگە، چەت ئەللەرنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرىغا، خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ۋە باشقا خەلقئارالىق ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ئەرز قىلىنىدىغانلىقىنى، ئارقىدىن ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ زېمىنىدا سوت قارارلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.