2017- يىلىدىن باشلاپ تۈركىيە رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (TRT) تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن زاتلارنى بىر يەرگە جەم قىلغان بۇ مۇنبەر، يەرشارى خاراكتېرلىك سۆھبەتلەرگە ئىزچىل تۈردە ئۆز تۆھپىسىنى قوشۇپ كەلمەكتە.
ئىستانبۇل قۇرۇلتاي مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەمدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ ئىشتىراك قىلغان بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەردە؛ ئاكادېمىكلار، ژۇرنالىستلار، تەنھەرىكەتچىلەر، سەنئەتكارلار، سىياسەتچىلەر شۇنداقلا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى جەم بولۇپ، دۇنياۋى ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەتراپلىق مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ.
مۇنبەرنىڭ تۇنجى كۈنىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇرھانەتتىن دۇران ۋە TRT باش مۇدىرى مەھمەت زاھىت سوباجى قاتارلىقلار ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەيدۇ.
شۇنداقلا، مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز «تۈركىيە: رايونلۇق كۈچتىن رايون ھالقىغان تەسىر كۈچكە يۈكسىلىش» تېمىسىدىكى ئوچۇق يىغىندا؛ مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ (MİT) باشلىقى ئىبراھىم قالىن بولسا، «خەلقئارا قانۇن بىلەن ئىنسانىي كىرىزىس كېسىشكەن نۇقتىدىكى غەززە» تېمىسىدىكى ئوچۇق يىغىندا سۆز قىلىدۇ.
نەچچە يىللاردىن بۇيان خەلقئارا كۈنتەرتىپتىكى قىزىق نۇقتىلارغا دائىر كۆپ خىل قاراشلارنى بىر سۇپىغا سىغدۇرۇپ كەلگەن «TRT World مۇنبىرى»، ئۆزىنىڭ 10 - يىلىدىمۇ دۇنيادىكى ئۆزگىرىۋاتقان كۈچ تەڭپۇڭلۇقى ۋە يېتەكچىلىك ئۇقۇملىرىنى نۇقتىلىق تېما سۈپىتىدە مۇزاكىرە قىلماقتا.
ئۆتكەن 10 يىل جەريانىدا جەمئىي 86 قېتىم ئوچۇق، 76 قېتىم يېپىق يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 801 نەپەر نۇتۇق سۆزلىگۈچى بىلەن مىڭلىغان قاتناشقۇچىنى ئۇچراشتۇرغان بۇ سۇپا — پەرقلىق كۆز قاراشلار ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى ئورتاقلىشىشتا ئىنتايىن ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بەردى.
يەرشارىۋى ۋە رايون خاراكتېرلىك مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىغان بۇ يىللىق يىغىندا؛ سۈنئىي ئەقىل، ئېنېرگىيە كىرىزىسلىرى، خەلقئارا قانۇن ۋە ئىقتىساد ساھەسىگە ئائىت تېمىلار ئاساسلىق كۈنتەرتىپتىن ئورۇن ئالدى.
مۇنبەردە بۇ يىل تۆۋەندىكى تېمىلار بويىچە ئوچۇق يىغىنلار ئۆتكۈزۈلىدۇ:
«تۈركىيە: رايونلۇق كۈچتىن رايون ھالقىغان تەسىر كۈچكە يۈكسىلىش»، «يۇقىرى خەۋپ-خەتەرلىك دىپلوماتىيەنىڭ قايتىپ كېلىشى: ئوتتۇرا دەرىجىلىك كۈچلەر ۋە شەكىللىنىۋاتقان كۆپ قۇتۇپلۇق تەرتىپ»، «خەلقئارا سىستېمىدىكى ئامېرىكا زىددىيىتى»، «قىيىن ئەسلىگە كېلىش مۇساپىسى: ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇشتىن كېيىنكى مىللىي ئىقتىسادلار»، «خەلقئارا قانۇن بىلەن ئىنسانىي كىرىزىس كېسىشكەن نۇقتىدىكى غەززە»، «ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنىڭ يېڭى گېئوپولىتىكىسى: دېڭىز يوللىرى، تار ئۆتكەللەر ۋە كارىدورلار»، «ئالگورىزىم دەۋرىدە تىزگىن كىمنىڭ قولىدا؟ شىركەتلەر، دۆلەتلەر ۋە پۇقرالار»، «ئېنېرگىيە كىرىزىسلىرىنىڭ كېيىنكى ئاقىۋەتلىرى: بېسىم ئاستىدا قالغان ئورگانلار» ۋە «سۈنئىي ئەقىل دەۋرىدە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش ۋە باشقۇرۇش»
بۇنىڭدىن سىرت، ساھە مۇتەخەسسىسلىرى قاتنىشىدىغان يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنلىرىدىمۇ نۇرغۇن تېمىلار ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. جۈملىدىن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدىن تارتىپ ياۋرو-ئاسىيانىڭ قايتىدىن شەكىللىنىشىگىچە، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن تارتىپ ئافرىقىدىكى دىپلوماتىيە ۋە گېئوئىقتىساد ۋەزىيىتىگىچە بولغان كۆپلىگەن سەزگۈر مەسىلىلەر چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.






















