نېتانياھۇ غەززە ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا ۋەدە بەردى

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ ھاماس يوقىتىلغىچە ۋە بارلىق تۇتقۇنلار ئەركىنلىككە ئېرىشكۈچە ئۇرۇشنىڭ توختىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ بايانات ئۇرۇش توختىتىش سۆھبەتلىرى پەقەت بىر نۇقتىغا مەركەزلەشكەن ۋاقىتتا ئېلان قىلىندى.

نېتانياھۇ ئامېرىكا كونگرەسىدە. سۈرەت: ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى. / AP

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ تۇتقۇن ئالماشتۇرۇش ۋە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ غەززەدىكى ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

نېتانياھۇ ئېكس (X) بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، غەززەنىڭ شىمالىدىكى توقۇنۇشلاردا بەش ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئىسرائىلىيە خەلقى ئۈچۈن قىيىن بىر كۈن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇرۇشنىڭ نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۇرۇشنىڭ نىشانىنى «بارلىق تۇتقۇنلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ھاماسنىڭ ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئىقتىدارىنى يوقىتىش، غەززەنىڭ ئىسرائىلىيەگە تەھدىت بولماسلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش» دەپ چۈشەندۈردى. ئۇ بۇنىڭدىن كېيىن، ھاماسنىڭ يوق بولۇشى دېگەنلىك ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە قوشۇمچە قىلدى.

خۇلاسە قىلغاندا، ئۇ بارلىق ئىسرائىلىيە تۇتقۇنلىرىنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىدىغانلىقىنى، ھاماسنىڭ يوقىتىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن غەززەنىڭ ئىسرائىلىيەگە تەھدىت بولمايدىغانلىقىنى؛ ھازىرچە ۋەزىپىلىرىنى تاماملىمىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ئىسىرائىلىيە خاررېيتىز گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئالاھىدە ۋەكىلى ستېۋ ۋىتكوف ئۇرۇش توختىتىش ۋە تۇتقۇن ئالماشتۇرۇش سۆھبىتىدە ئىلگىرى كېلىشمەلمىگەن تۆت نۇقتا بار بولغان بولسا، ھازىر پەقەت بىر نۇقتىنىڭ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋىتكوف يەنە، مۇشۇ ھەپتە ئاخىرىغىچە 60 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش يولىنى ئاچىدىغان بىر كېلىشىمنىڭ تۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتكەن.

تۈنۈگۈن (8-ئىيۇل) كېچە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى كفىر بىرىگاداسىنىڭ نېتساخ يەھۇدا باتاليونىدىن بەش ئەسكەرىىڭ غەززەدە ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلاپ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا جەمئىي ئۆلگەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى سانىنىڭ 888 گە يەتكەنلىكى ئېلان قىلىندى.