ئوربان موسكۋادا پۇتىن بىلەن ئېنېرگىيە ۋە ئۇكرائىنا تىنچلىق ئىشلىرى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىدۇ
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ئوربان موسكۋادا پۇتىن بىلەن ئېنېرگىيە ۋە ئۇكرائىنا تىنچلىق ئىشلىرى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىدۇياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيە ئېنېرگىيەسىگە بولغان بېقىنىشنى ئازايتىش تىرىشچانلىقلىرى ۋە غەربنىڭ ئورباننىڭ ئۇرۇشتىكى پوزىتسىيەسىگە قاراتقان تەنقىدلىرىگە قارىماي، بۇداپېشت موسكۋا بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملىق ساقلاپ كەلمەكتە.
ئوربان موسكۋادا پۇتىن بىلەن ئېنېرگىيە ۋە ئۇكرائىنا تىنچلىق ئىشلىرى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىدۇ / Reuters

ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان جۈمە كۈنى موسكۋادا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى، ئۇچرىشىشتا ۋېنگىرىيەنى خام نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى، شۇنداقلا ئۇكرائىنادىكى تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كىرېمىل سارىيىمۇ ئورباننىڭ جۈمە كۈنى ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنى دەلىللىدى.

ئوربان قوشنا دۆلەت ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشقا قارىماي موسكۋا بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، ۋېنگىرىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېقىنىشنى ئازايتىش تىرىشچانلىقلىرىغا قارىماستىن، ھېلىھەم زور دەرىجىدە رۇسىيە ئېنېرگىيەسىگە تايىنىپ كەلمەكتە.

ئوربان پىلانىنى Facebook  سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان بىر سىنلىق سۆھبەتتە ئاشكارىلاپ: «قىش پەسلى ۋە كېلەر يىل ئۈچۈن ۋېنگىرىيەنىڭ ئېنېرگىيە تەمىناتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە (موسكۋاغا) كېتىۋاتىمەن» دېدى.

ئۇكرائىنادىكى تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىنىڭمۇ كۈنتەرتىپكە كېلىدىغان – كەلمەيدىغانلىقى سورالغاندا، ئوربان: «بۇنىڭدىن ساقلىنىشىمىز بەك مۇمكىن ئەمەس، مۇزاكىرە قىلىنىشى مۇقەررەر دېيىشكە بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

 ۋاشىنگتون رۇسىيە نېفىتى ۋە تەبىئىي گازىنى ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا يول ئاچتى

 ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئورباننىڭ ۋاشىنگتوندا پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن ئۆتكۈزگەن سەمىمىي سۆھبىتىدە كەچۈرۈم قىلىشنى تەلەپ قىلغىنىدىن كېيىن، مۇشۇ ئايدا ۋېنگىرىيەگە رۇسىيە نېفىتى ۋە تەبىئىي گازىنى ئىشلىتىش مەسىلىسىدە ئېمبارگودىن خالىي بولۇش ھوقۇقى بەردى.

ۋېنگىرىيە يەنە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن يادرو ئېنېرگىيەسى ساھەسىدە ھەمكارلىشىش توغرىسىدا بىر كېلىشىم ئىمزالىدى.

كېلىشىم ۋېنگىرىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن يادرو يېقىلغۇسى ۋە تېخنىكىسى سېتىۋېلىشىنى ھەمدە ئىشلىتىلگەن يېقىلغۇنى رۇسىيەدە ياسالغان، «پاكس I» دەپ ئاتىلىدىغان يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا ساقلىشىنى مەزمۇن قىلىدۇ. رۇسىيەنىڭ «روساتوم» شىركىتى 2014 – يىلى باشلانغان ۋە خېلىلا كېچىكىپ قالغان بىر تۈر رامكىسىدا، مەزكۇر ئىستانسىغا قوشۇمچە ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

ئوربان ئىلگىرى بۇ يىل توختاپ قالغان ترامپ بىلەن پۇتىن ئوتتۇرىسىدا ئۇكرائىنا مەسىلىسى بويىچە بۇداپېشتتا بىر «تىنچلىق باشلىقلار يىغىنى» ئۆتكۈزۈش پىلانىنى قايتا جانلاندۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

كۆپلىگەن ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىدىن پەرقلىق ھالدا، ئوربان كىيېۋگە قىلىنىۋاتقان غەربنىڭ ھەربىي ياردەملىرىنىڭ لوگىكىسىدىن گۇمانلىنىش بىلەن بىرگە، رۇسىيە بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلدى.

ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۆلەتنىڭ بۇ يىل رۇسىيەدىن 8 مىليون 500 مىڭ توننا خام نېفىت ۋە 7 مىليارد كۇب مېتىردىن ئارتۇق تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
كانادادا سىناگوگ ئالدىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا بىر ساقچىنى قوشقاندا، ئىككى كىشى يارىلاندى
جەنۇبىي ۋە شىمالىي كورېيەنى ئايرىپ تۇرىدىغان رايوندىكى پارتلاشتا  3 ئوفىتسېر يارىلاندى
رۇسىيە: «ئۇكرائىنادا ئەشيا ئوبوروت مەركەزلىرىگە، پورتلارغا ۋە پاراخوتلارغا زەربە بەردۇق»
ترامپ: پۈتۈن ئىراننى پارتلىتىۋېتەلەيمەن
ھەلەبتىكى ھەربىي رايوندا يۈز بەرگەن پارتلاشلاردا تۆت كىشى يارىلاندى
ترامپ ئۇكرائىنا، ئەنگلىيە ۋە پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ
ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە كەڭ دائىرىلىك جازا يۈرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا
دەسلەپكى نەتىجىلەرگە قارىغاندا، پۇتىننىڭ پارتىيەسى پارلامېنت سايلىمىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن
ئەردوغان نىيۇيوركتىكى تۈرك ئۆيىگە يېتىپ بارغاندا ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى