سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى: ياۋروپانىڭ رېئاكتىپ ئايروپىلان يېقىلغۇسى 6 ھەپتىلا يېتىشى مۇمكىن
فاتىھ بىرول «ھازىرغىچە دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە كىرىزىسى» نىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك تەسىرلىرى ھەققىدە ئەندىشە قىلارلىق بىر مەنزىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى: ياۋروپانىڭ رېئاكتىپ ئايروپىلان يېقىلغۇسى 6 ھەپتىلا يېتىشى مۇمكىن
خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى: ياۋروپانىڭ رېئاكتىپ ئايروپىلان يېقىلغۇسى پەقەت 6 ھەپتىلا يېتىشى مۇمكىن / AP

خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ باشلىقى فاتىھ بىرول ياۋروپانىڭ «تەخمىنەن 6 ھەپتىلىك ئايروپىلان يېقىلغۇسى قالغانلىقىنى» ئېيتىپ، ئىران ئۇرۇشى سەۋەبىدىن نېفىت توشۇش ئىشلىرى داۋاملىق ئاقساپ قالسا، «يېقىندا» ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى فاتىھ بىرول پەيشەنبە كۈنى، ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتىدىغان نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە باشقا ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە تەمىنلەش لىنىيەلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن كېلىپ چىققان ۋە ئۆزى «بىز دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە كىرىزىسى» دەپ تەسۋىرلىگەن ۋەزىيەتنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك تەسىرلىرىگە ئالاقىدار ئەندىشە قىلارلىق بىر مەنزىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ: «ئىلگىرى (قىيىن ئەھۋالدا قالغان گۇرۇپپا) دەپ ئاتىلىدىغان بىر گۇرۇپپا بار ئىدى، ياۋروپا ھازىر ھەقىقەتەن قىيىن ئەھۋالدا قالدى؛ بۇنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا كۆرۈنەرلىك تەسىرى بولىدۇ. بۇ ئەھۋال قانچە ئۇزۇن داۋاملاشسا، دۇنيا مىقياسىدىكى ئىقتىسادىي ئېشىش ۋە پۇل پاخاللىقى ئۈچۈن شۇنچە ناچار بولىدۇ» دېدى.

بىرول بۇنىڭ تەسىرىنىڭ «بېنزىن باھاسىنىڭ ئۆرلىشى، تەبىئىي گاز باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ۋە ئېلېكتر ئېنېرگىيەسىنىڭ ئۆرلىشى» بولىدىغانلىقىنى، بەزى رايونلارنىڭ باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىرول: «ئالدىنقى قاتاردا ئېنېرگىيەسىنى ئوتتۇرا شەرقتىن ئالىدىغان ئاسىيا دۆلەتلىرى» نىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ھەمدە ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، ھىندىستان، خىتاي، پاكىستان ۋە باڭلادېشنى بۇنىڭغا مىسال قىلىپ كۆرسەتتى.

پارىژدىكى ئىشخانىسىدا بايانات ئېلان قىلغان بىرول سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلىپ: «ئاندىن تەسىرى ياۋروپا ۋە ئامېرىكاغا كېلىدۇ» دېدى.

خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ باشلىقى بىرول، ھورمۇز بوغۇزى قايتىدىن ئېچىلمىسا، ياۋروپا ئۈچۈن «يېقىندا A شەھەردىن B شەھەرگە ئۇچىدىغان بەزى ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ يېقىلغۇ يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى ئاڭلايمىز، دەپ ئېيتالايمەن» دېدى.

28-فېۋرالدا باشلانغان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ۋە ھەپتە ئاخىرىدا پاكىستاندا ۋاشىنگتون بىلەن تېھران ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاز ئۇچرايدىغان بىۋاسىتە سۆھبەتلەرنىڭ كېلىشىم بىلەن نەتىجىلەنمەسلىكىدىن كېيىن، ئامېرىكا ئىران پورتلىرىنى دېڭىزدىن قامال قىلىشقا باشلىدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئونتارىيو كۆلىنىڭ نامىنى رەسمىي ئۆزگەرتتى
گىرېتسىيەدە غەربىي نىل ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 290 غا يەتتى
ئامېرىكا ئارمىيەسى تىنچ ئوكياندا بىر كېمىنى غەرق قىلدى
ئامېرىكادا ھۆكۈمەت بىلەن سوت قارىمۇ قارشى بولۇپ قالدى
رۇسىيە موسكۋاغا قاراپ ئۇچقان 37 دانە ئۇچقۇنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر يېزىغا ھۇجۇم قىلىپ 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ترامپ ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلاشنى پىلانلىماقتا
ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرى ۋە پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
«تۈركىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئىستراتېگىيەسى غەربتىن ۋاز كەچكەنلىك ئەمەس»
ئەزەربەيجاندا ئوق-دورا ئامبىرى پارتلىغاندىن كېيىن 5 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
ئەردوغان: گىرېتسىيە ھەربىيسىز سالاھىيەتتىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك
ترامپ ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ناماز ئوقۇلۇۋاتقان بىر جامەگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى