جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 103 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋىدېيو تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بىز جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 103 يىللىق خاتىرە كۈنىنى زور پەخىرلىنىش ۋە جۇشقۇنلۇق ئىچىدە تەبرىكلەۋاتىمىز. ئەزىز مىللىتىمىزنىڭ، قىبرىس تۈركلىرى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان بارلىق پۇقرالىرىمىزنىڭ 29-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى چىن دىلىمدىن قۇتلۇقلايمەن.
چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانا ۋە دىپلوماتىك ئورگانلىرىمىزدا بايرام شادلىقىمىز ۋە ھاياجىنىمىزغا ئورتاق بولغان قىممەتلىك مېھمانلىرىمىزغا ئۆزۈمنىڭ ئەڭ سەمىمىي تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن. كۆڭۈل ۋە مەدەنىيەت جۇغراپىيەمىزنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا يۈرىكى مىللىتىمىز بىلەن تەڭ سوققان، بىز بىلەن تەڭ خۇشال بولۇپ، بىز بىلەن تەڭ قايغۇرغان تەقدىرداش ۋە قېرىنداش بارلىق دوستلىرىمىزنىمۇ مېھىر-مۇھەببەت بىلەن قۇچاقلايمەن.
تەۋسىيە


















